ئىسرائىلىيە خىتاي بىلەن بولغان قورال سودىسىنى بىكار قىلدى

يېقىندا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي بىلەن بولغان بىر چوڭ قورال سودىسىنى بىكار قىلغان بولۇپ، بۇ سودا رادار سېستىمىسىنى بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تۆۋەن ئاۋازلىق ھەربىي ئايرۇپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ مۇشۇنداق ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىگە قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەب بولسا، ئاساسلىقى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە بۇ قوراللارنى تەيۋەنگە ۋە تەيۋەنگە ياردەم قىلىدىغان ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارشى ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەتتا مۇشۇ سەۋەپتىن 2000 - يىلىمۇ ئىسرائىلىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى رادار ئاگاھلاندۇرغۇچى ئايرۇپىلان سودىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي سودىسىنى 90 - يىللاردىلا باشلىغان

خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى قورال سودىسى 1990 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ خېلى كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئانچە قارشىلىق بىلدۈرمىگەن. لېكىن 2004 - يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان بەزى ئەسلىھەلىرىنىڭ، خىتاينىڭ تۆۋەن ئاۋازلىق ھەربىي ئايرۇپىلانلىرىنىڭ رادار ئىزدەش سېستىمىسىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيىگە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى ھەربىي تېخنىكىلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان بەزى ھەربىي تېخنىكىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيىگە خىتايغا بۇ تېخنىكىلارنى سېتىپ بەرمەسلىك ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا، خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تېز ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ

ئامېرىكىدىكى داڭلىق برۇكىڭس تەتقىقات ئورنىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارا ئىشلار تەتقىقاتچىسى خۇاڭ جىڭ ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە بولدى:

"مېنىڭچە بۇنداق بولىشىدا ئىككى سەۋەپ بار. بىرى، 90 - يىللاردا خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سودا ئاساسلىقى تېخنىكا سودىسى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئۇنچىلىك كۈچلۈك ئەمەستى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە بولغان كۆز قارىشى بۇنچىلىك كۈچلۈك ئەمەستى. يەنە بىرى، ئۇ چاغدىكى ھەربىي سودا تۈرىنىڭ تېخنىكىلىق سۈپىتى ھازىرقىدەك بۇنداق يۇقىرى بولمىغان. خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سودا ئالاقە كۈچەيگەنسېرى، سېتىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈپ ماڭدى. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناۋادا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بۇ ئىلغار تېخنىكىلارغا ئېرىشسە، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىدىكى كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلدى".

ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي سودىسىغا قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىككى ھەپتە ئاۋال ئامېرىكىدىن كەچۈرۈم سوراپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان چوڭ بىر ھەربىي سودىسىنى بىكار قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدىمۇ، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان شالوم يەنە ئوچۇق كەچۈرۈم سورىدى. ئۇ سۆزىدە "بىز ئېلىپ بارغان بۇ قورال سودىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق. ئامېرىكا، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى. ئەگەر بىز ئامېرىكا قوبۇل قىلالمايدىغان ئىش قىلىپ قويغان بولساق. ئۇ چاغدا بىز ئامېرىكىدىن كۆپ كەچۈرۈم سورايمىز. لېكىن بىزنىڭ بۇ ھەربىي سودىنى ئېلىپ بېرىشىمىزدا ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا زىيان سېلىش نىيىتىمىز يوق ئىدى" دەپ بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە ئامېرىكىدىن كەچۈرۈم سورىدى

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان شالوم ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭنىمۇ قوبۇل قىلغان. ئەلۋەتتە ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قورال سودىسىنى بىكار قىلىش قارارى، ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋېلىشىشى ھەققىدە توختالغان خۇئاڭ جىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:

" خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مېنىڭچە خىتاينىڭ ھەربىي سەۋىيىسى ھازىر ئامېرىكىغا ياكى خىتاينىڭ خوشنا دۆلەتلىرىگە تەھدىت بولغۇدەك دەرىجىگە يەتمىدى. لېكىن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئۆتكەنكى 10 يىلدىن بۇيان خىتاي ھەربىي جەھەتتە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە ھەربىي ساھەسىدىكى تەرەققىي قىلىش سۈپىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى".

خىتاينىڭ ھەربىينى زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئازاتلىق ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردىن قورال سېتىۋېلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئىسرائىلىيە خىتاينىڭ قورال ئىمپورت قىلىدىغان مۇھىم دۆلەتلىرىنىڭ بىرىمۇ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بەرگەن خۇئاڭ جىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:

"بۇنىڭغا بىر نېمە دىيىش تەس. چۈنكى خىتايغا ئەڭ چوڭ قورال سېتىپ بېرىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي سودا شىرىكى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھازىر بىر قانچە دۆلەتلەرگە ئايرىلدى. مەسىلەن، رۇسىيىدىن سىرت ھازىر ئۇكرائىنىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي سودا ئالاقىسىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك. مانا بۇمۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مەسىلە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياۋروپادىكى ئىتالىيە ۋە فرانسىيىلەرنىڭمۇ خىتاي بىلەن ھەربىي سودا ئالاقىسى بار. ئەمما بۇ ياۋرو ئەللىرى ئاساسلىقى يۇمشاق دېتاللىق ھەربىي سودىسىنى قىلىدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيىنى رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېيىنكى ئورۇنغا قويساق بولىدۇ. ئىسرائىلىيە خىتايغا كۆپىنچە ھەربىي تېخنىكىلارنى ساتىدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيە، خىتاي بىلەن ھەربىي سودا ئالاقىسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى 3 ئىگە كىرەلمىسىمۇ، ئالدىنقى 5 نىڭ ئىچىدە بار. بۇ ئەلۋەتتە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئەھۋال".

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا ھەربىي تېخنىكىلارنى سېتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ خىتايغا قاراتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. (پەرىدە)