ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىپ روزا ھېيتنى خۇشال ‏- خۇرام ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

روزا ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بايرىمى بولۇپ ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا 30 كۇن روزا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. روزا ھېيت بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى بايرىمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى. ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىپ روزا ھېيتمۇ يېتىپ كەلدى. پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتنى تەنتەنىلىك قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بىر ئورۇنغا يىغىلىپ روزا ھېيت بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى.

9 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە يىغىلىپ روزا ھېيتنى خۇشال ‏- خۇرام ئۆتكۈزدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، قاتار 4 تەشكىلات بىرلىكتە روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلىك ۋە ئىناقلىققا چاقىرىق قىلدى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 14:00 دە باشلىنىپ 17:00 دە ئاخىرلاشتى.

پائالىيەتكە 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى خادىملىرىدىن كامال ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرئان ئوقۇش بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە شەرقى تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى. ئاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى بىرلىك ۋە ئىناقلىققا چاقرىق قىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق مېھمانلار ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنى قىزغىن ئالقىشلىدى. كېيىن يەنە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى رەئىسى تىبەت يۈجە تۈرك، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ۋەكالىتەن كامال ئەپەندى، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر سەلەيھاجىم ئارتۇشى، تۈركىيىنىڭ سابىق قاتناش مىنىستىرىنىڭ باش كاتىپى ئەھمەت ئاتەشچى، قاتارلىق شەخسلەر بىر - بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ھەمدە پۈتكۈل مېھمانلارنىڭ روزا ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

راھىلە، ئايگۈزەل، قەلبىنۇر قاتارلىق ئۆسمۇر قىزلار سەھنىگە چىقىپ، "ئۇ يەردە بىر ۋەتەن بار شەرقىي تۈركىستان" ناملىق تۈركچە شېئىر ئوقۇدى، "جان دادا ماڭا ئۆز ۋەتىنىم كېرەك" ناملىق ئۇيغۇرچە ماقالىنى ناھايىتى ھېسسىياتلىق ئوقۇغان بولۇپ پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. مەھمۇتجاننىڭ ئىجراسىدا دۇتار بىلەن ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشىلار تەقدىم قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.

ئاخىرىدا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن تۈركىيە بايرىقى ئويۇلغان ئاچقۇچ ئاسقۇ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى يېزىلغان لەۋھە قاتارلىق ماددىي ئەشيالار ھەدىيە قىلىندى. (ئارىسلان)