ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا تۇتۇلغان ياشلار بىلەن سۆھبەت

2010 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى ئىستانبۇلنىڭ بەشكتاش، ئاياسوفىيا مۇزېيخانىسى ئالدى ۋە قاراكۆي قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا ئايرىم ‏- ئايرىم نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قاراكۆي دېگەن رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئەتىگەنلىك نامايىشتا سەككىز ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.10.13
Istanbulda-namayish-yashlar-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 10 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯨﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

ئاياسوفىيا مۇزېيخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ساقچى باشلىقىدىن تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلار قويۇپ بېرىلمىگىچە تارقاپ كەتمەيدىغانلىقى ھەم پۈتكۈل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاياسوفىيا مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: "ھېچ قانداق ئۇيغۇر قېرىنداش بۇ يەردە قانۇنسىز ئىش قىلمىدى. پۈتۈنلەي دېموكراتىيە ھوقۇقىمىزنى قوللانغان بولساقمۇ، بۈگۈن 8 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز قاراكۆي ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتۇلدى. ئۇلارنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوق. بۇلار نېمە ئۈچۈن تۇتۇلدى؟. بۇلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى ساقچىلاردىن تەلەپ قىلىمىز."

نەتىجىدە ساقچىلار ئۇلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ۋە ساقچىلار ئۇلارنى، نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئورۇندىن باشقا بىر يەردە نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىز بۇ نامايىشتا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن، ئابلەت ھاجىم، سابىر داموللام ۋە مۇھەممەد يۈسۈپ قاتارلىق ياشلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.