تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىدىن شادلاندى


2007.09.19

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت 497 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەنگە ئوخشاش تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ھاياجانغا چۆمدۈردى.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتايلار دەۋاتقاندەك بىر تېررور ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى بىر ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ قارارنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەلۇماتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.