ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2007.11.19
15 - نويابىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى پەسخانە يىغىن زالىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. "تۈركىيىنىڭ كۆڭۈل ۋە تەشەككۈرلەر جەمئىيىتى" تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە تۈركىيىدىن ۋە چەتئەللەردىن بولۇپ جەمئىي 102 ئاممىۋى تەشكىلات ۋە خەلقئارالىق جەمئىىيەتلەر ئىشتىراك قىلدى.
بۇ يەردە يەنە ئوخشاشلا ۋاقىتتا خەلقئارالىق بىر يىغىن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى، پەلەستىن خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش بولۇپ، يىغىنغا، "خەلقئارالىق قۇددۇس ئۇچرىشىشى" دەپ نام بەرگەن. يىغىنغا تەشكىلات رەھبەرلىرى، دوكتور، پروففېسسۇرلار، تەتقىقاتچىلار، ئاخباراتچىلار ۋە موخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 نەپەر چەتئەللىك مېھمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. بۇ يىغىن ۋە كۆرگەزمە پائالىيىتى 15 - نويابىردىن 18 - نويابىرغىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن.
يىغىنغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
بىز يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ يىغىننىڭ جەريانى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ. ئۇ جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كېىيم - كىچەك، دوپپا، شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى، دۆلەت بەلگىسى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى كۆرگەزمىگە قويغان. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر، تۈرك، ئىنگىلىز ۋە ئەرەپ تىللىرىدا يېزىلغان كىتاب، ژۇرنال، تەشۋىقات ۋاراقلىرى، VCD پىلاستىنكىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ھەقىسز تارقاتقان.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئسى ھىدايەتۇللا ئوغۇز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. (ئارسىلان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئستانبۇلدا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- ئورتاق دېگەن دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدۇ
- تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈرك سودا - سانائەتچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرماقتا
- تۈركىيىدە مىليونلارچە ئىنسان شېھىدلىرى ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە
- ئەزەربەيجاندىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى
- بېرلىندا يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىپ روزا ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى
- خوتەن قەغىزى بارغانچە ئېتىبارغا ئېلىنماقتا
- تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تانەر يىلدىز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- تۈركىيە ژۇرنالىستى مەمەت راگىپ ۋۇرالنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئورخان كاۋۇجۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى