ئىستانبۇلدا 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرە نامايىشى

5 ‏ - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. جۈملىدىن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 5 ‏ - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009‏ - ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏ - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ‏ - ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 200 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
2009‏ - ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏ - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ‏ - ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 200 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

2009‏ - يىلى 8 ‏ - فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ‏ - قازاقلار، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، مەركىزى قەيسىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قازاقلاردىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق كىشى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. نامايىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخسلەر بولۇپ كۆپ ساندا تۈرك قېرىنداشلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

بۈگۈن ئىستانبۇلدا ھاۋا سوغۇق، قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، كۈچلۈك شامالغا دۈچ كەلگەن نامايىشچىلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ، كەيپىياتلىرى ناھايىتى قىزغىن ئىدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا، "شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭدۇر، بىزنىڭ بولىدۇ"، "تۈركىيە ئانا يۇرتۇڭغا ساھىب چىق"، " بارىن، خوتەن، غۇلجا ۋەقەلىرىنى ئۇنۇتمىدۇق، ئۇنۇتمايمىز"، " فاشىست خىتاي"، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"،" يا ئىستىقلال، يا ئۆلۈم"، "بوۋاق قاتىلى خىتاي" بىز تېررورچى ئەمەس" ئەركىنلىك ھەققىمىز، زۇلۇمغا قارشى بۇ يەردە بىز" دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا ‏ - تاختىلارنى ئىگىز كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانا ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى.
ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﺪﻯ. RFA Photo / Arslan

نامايىشچىلاردىن بىر قانچە ياشلار باشلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تېڭىپ، كېپەن كىيىۋالغان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۇش ئاخباراتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. نامايىشچىلار، "شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان"، "تېررورچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت"، "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.

نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. تۈركىيىدە قارا چەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. قارا چەمبىرەك ئۈستىگە چوڭ ھەجىمدە قىزىل رەڭ بىلەن "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى.

نامايىشقا يەنە ئاخباراتچىلار، رادىئو - تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا نامايىشچىلاردىن كۇرشاد ئەپەندى "غۇلجا قەتلىئامى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

نامايىش جەريانىدا خىتاي كونسۇلخانا ئىچىدىن بىر قانچە خىتاي ئۆزلىرىنى كۈنلۈك بىلەن دالدا قىلىپ نامايشچىلارنى كۈزەتتى ۋە رەسىمگە تارتتى.

بىز نامايىش جەريانىدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىز.

تولۇق بەت