نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى كۆتۈرگەن، بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا، "بارىن، خوتەن، غۇلجا ۋەقەلىرىنى ئۇنۇتمىدۇق، ئۇنۇتمايمىز"، دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازا ئالدىغا يېقىنلاپ كەلگەندە ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. نامايىشچىلار خۇ جىنتاۋنىڭ رەسىمى چاپلانغان ۋە خىتاي بايرىقى كىيدۈرۈلگەن چوڭ ھەجىمدىكى بىر قونچاقنى ئېلىپ كېلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا رادىئو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژورنال مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلدى. ئاخىرىدا، نامايىشچىلاردىن 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت ساقچىلارنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەككە "شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسى" دېگەن چوڭ ھەجىملىك خەتلەر يېزىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.