ئىستانبۇلدا بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2009 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 18 : 00 دە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 19 ‏ - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىدلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009.04.08
Barin-xatirisi-Istanbul-maarip-305 2009 ‏ - ﻳﯩﻠﻰ 4 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ 19 ‏ - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﻬﯩﺪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻤﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Arslan

مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمنىڭ ئاساسى مەقسىتى، بارىن ئىنقىلابىدا شەھىد بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە بارىن ئىنقىلابىدىن دەرس ئېلىش، بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان خاتا پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىم تولۇق تاماملىنىپ بارىن ئىنقىلابىدا شەھىد بولغان قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللا ئەپەندى قاتارلىق مەسئۇللار بارىن ئىنقىلابى ۋە بارىن ئىنقىلابىدا شېھىد بولغان قەھرىمانلار ھەققىدە سۆز قىلدى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن بىز بۇ يەردە 1990 - يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 4  ۋە 5 ‏- كۈنلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ بارىن يېزىسىدا شەھىد بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلارنى ئەسلەپ ئۆتۈش، شۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ‏ - تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇردۇق. ئۇلارنىڭ شۇ ھەرىكىتى بىزگە بىر نەچچە تۈرلۈك دەرس بېرىدۇ، بىزنى ئاشۇ قېرىنداشلارنى ئەسلەشكە ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىشقا سەۋەپ بولغان نەرسە نېمە؟ بىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇق ‏ - تۇغقان يېقىن قېرىنداشلاردىن ئەمەس، پەقەت ئىسلامى، دىنى قېرىنداش، نېمە سەۋەبتىن ھازىر بىز شۇلارنى ئەسلەيمىز نېمە سەۋەپتىن خەلق ئۇلار بىلەن پەخىر ھېس قىلىدۇ؟ بىز بۈگۈن بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىشقا تىرىشىمىز. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمدىن قورقىمايدىغان جاسارەت روھى، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت يولىدا ئاللاھ يولىدا مال - مۈلكىنى پىدا قىلغاندىن سىرت يەنە جېنىنى پىدا قىلالىغانلىق بىر مەردانىلىقى بىزنى ئالقىشلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.