ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەشتى
2007.12.24

قۇربان ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان بايرامدۇر، قۇربان ھېيتتا ئىقتىسادى ئىمكانىيىتى بار بولغان مۇسۇلمانلار ئاللاھ يولىدا قوي بوغۇزلايدۇ. قۇربان ھېيت مۇسۇلمانلارنى ئىناق - ئىتتىپاقلىققا، بىرلىك- باراۋەرلىككە، بايلار يوقسۇللارغا ياردەم قىلىپ ھېيتنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
بۇ كۈندە، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز - ئارا، بىر - بىرىگە خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىشىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىدۇ، مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، بۇ كۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ خۇشاللىق بايرام كۈنىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار بۇ خۇشاللىق كۈندە، ئاتا - ئانىلىرىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدۇ، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق، بىر - بىرىگە بولغان مېھرى - مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ.
بۇ خۇشاللىق كۈندە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي رايونىدىكى يۇلتۇز توي زالىغا يىغىلىپ ئۆز - ئارا قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.

2007 - 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يەنى قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ 3 - كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي رايونىدىكى يۇلتۇز توي زالىغا يىغىلىپ قۇربان ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، قاتار 4 جەمئىيەت بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەت تۈركىيە ۋاقتى سائەت 30:13 دە باشلىنىپ 16:30 ئاخىرلاشتى.
پائالىيەتكە 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى خادىملىرىدىن كامال ئۆزتۈرك، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرىدىن، ئابدۇرېھىم قەشقەرى رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرئان ئوقۇش بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە شەرقى تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ھەمدە پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللا شەھيار، شەرقىي تۈركسىتان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك،شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرەم قاتارلىق رەھبەرلەر بىر - بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە پۈتكۈل مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
ئەخمەتجان "ھەمدىلەر بولسۇن" دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن راھىلە، ئايگۈزەل، قەلبىنۇر قاتارلىق ئۆسمۈر قىزلار سەھنىگە چىقىپ، مەمەتئېلى تەۋپىقنىڭ "مىللى مارش" ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. كېيىن "گۈزەل تۈركىستان" ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ، يىغىن زالىنى ھاياجانغا سالدى. ئىلىيارجاننىڭ ئورۇنلىشىدا غېرىپ - سەنەم فىلىمىدىكى، "يارىم كەلمىدى" قاتارلىق بىر قانچە پارچە ناخشا تەقدىم قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شائىرە سىيتىنسا لوقماننىڭ "بۇ ۋەتەن كىمنىڭ"، "ھىممىتىم" دېگەن شېئىرلىرى پەزىلەت قاتارلىق 4 ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن دېكلىماتىسىيە قىلىندى. 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان 12 ئۆسمۈردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپ، "ئۇيغۇرۇم" قاتارلىق بىر قانچە پارچە شېئىر ئوقۇپ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. يىغىن ئاخىرىدا پائالىيەت كۆرسەتكەن ئۆسمۈر بالىلار كىتاب سومكىسى قاتارلىق ماددى بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى. )ئارسلان(
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت
- دىننىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قۇربان ھېيت
- تۈركىيىدە قۇربان ھېيت
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى
- ئوتلۇق سالام - سېغىنىشلىق كۈيلەر - ھېيت مۇبارەك!
- ھەج پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
- قۇربان ھېيت ھارپىسىدىكى ئەندىشە
- ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- ئستانبۇلدا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- مىيۇنخېندا روزا ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىپ روزا ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !
- تۇركىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى تەنتەنىلىك ئەتكۈزمەكتە