ئىستانبۇلدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى رەسىم ۋە فىلىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2009‏ - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 ‏ - كۈنىدىن 25 ‏ - كۈنىگىچە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ تاكسىم مېترو ئىستانسىسى كۆرگەزمە زالىدا ۋە ئېمىنۆنۈ يېڭى جامى ئالدىدا 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنى ئەيىبلەش ۋە خىتاي ساقچى ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەھشىيانە جىنايى قىلمىشلىرىنى قېرىنداش تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن رەسىم ۋە فىلىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.07.24
Istanbuldiki-urumqi-weqesi-korgezmisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2009‏ - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ‏ - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 25 ‏ - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺴﯩﻢ ﻣﯧﺘﺮﻭ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﯧﻤﯩﻨﯚﻧﯜ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﺎﻣﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﻫﺸﯩﻴﺎﻧﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﯞﻩ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

كۆرگەزمىدە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىش ۋە نامايىش جەريانىدا خىتايلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ جەسەتلىرى ۋە نامايىشتا خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نامايىشچىلارنى ئۇرۇۋاتقان، ئېتىۋاتقان، تۇتۇپ باغلاپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ رەسىم ۋە سىنئالغۇسى كۆرسىتىلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆرگەزمىدە رەسىملىك ۋە رەسىمسىز شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى ھەققىدە تەييارلانغان ئىككى خىل تەشۋىقات قەغىزى تارتىلغان بولۇپ ئىگىلىشىمىزدە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىككى ئورۇندا توپلام 15 مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلغان.

كۆرگەزمە جەريانىدا يەنە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەگە پىكىر - قاراش ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تاكىسمدا ۋە ئېمىنۆنۈ جايلىرىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىدە جەمئىي 14 مىڭ كىشى خىتايغا بولغان نارازىلىق ۋە غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ئىمزالىق پىكىر - كۆز قاراشلىرىنى يازغان.

ئىگىلىشىمىزچە ، توپلانغان پۈتكۈل ئىمزالىق پىكىر ‏ - قاراشلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكى ، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى، ياۋرۇپا ئىنسان ھەقلىرى سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورگانلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

بۇ كۆرگەزمە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تۈركلەر ۋە ئىستانبۇلدىكى چەتئەللىكلەر قىزىقىپ زىيارەت قىلماقتا. كۆرگەزمىدە ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تانكىسى ئالدىدا ھاسا تاياق بىلەن تۇرغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ رەسىمى ھەممە كىشىنى جەلپ قىلدى. ئۇ رەسىمنىڭ ئاستىغا، تۈرك تىلىدا ، يولدىشى ۋە ئوغلى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئانا ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تانكىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتتى دەپ يېزىلغان.

كۆرگەزمىدە ئەڭ كۆپ كىشىلەر بەس مۇنازىرە قىلغان كۆرۈنۇش بولسا، بىر قانچە خىتاينىڭ بىرلىشىپ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ بىرسى تۇتۇپ بەرسە، باشقىلىرى بېشىغا تاش ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۇش بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن نۇرغۇن تۈرك ئانىلار ئۆزلىرىنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىشتى.

بىز بۇ كۆرگەزمە ھەققىدە كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرى ۋە كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىۋاتقان شەخسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

كۆرگەزمىدە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىشقا ياردەملىشىۋاتقان بىر تۈرك قىز ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "بىز ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولغان بولساق بەلكى بىزمۇ ئۆلگەن بولاتتۇق، مەن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ بېشىغا كەلگەننى ئويلىسام بەك ئۆكۈنىمەن، بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟ قانداق قىلساق ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلالايمىز دەپ ئۆز ئۆزەمدىن سورايمەن. مەن تۈنۈگۈن بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن بىئارام بولدىم. بۈگۈن مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئازراقمۇ بولسا ياردەم قىلغان بولاي دىگەن مەقسەتتە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىۋاتىمەن."

مەتىن ئوغۇز ئسىملىك بىر كىشى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، دۇنيا بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ. تۈركىيە كىچىككىنە خاتالىق ئۆتكۈزسە سوتقا تارتقان ياۋرۇپا ئىنسان ھەقلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىمەن، لەنەت بولسۇن پۈتكۈل ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلارغا. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىنسان ئەۋلادى ئەمەسمۇ؟ بۇلارغا نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدۇ؟ مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ سەبىرچان بولۇشىغا تىلەكداشمەن. خۇدايىم بۇيرىسا ئۇلار بىر كۈنى ئازادلىققا ئېرىشىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.