نورۇز بايرىمى دۇنيادىكى تۈرك تىلى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى. ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ كاتتا يىغىلىش ۋە مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ. . بۇ بايرامدا خۇشال - خورام ھالدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، نورۇز ئېشى يېيىشىپ، باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چېلىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ. ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ يەر تېرىپ ، كۆچەت تىكىپ باھارنىڭ ئىشلىرىنى باشلىۋېتىدۇ.
تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە خەلق ئاممىسى بىر ھەپتىدىن بىرى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە، 2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى تەرىپىدىن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىستانبۇل ۋالىيلىق بىناسىدا ئېچىلغان بايرام تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئازارى، تۈرك قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىستانبۇل ۋالىيلىقىغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەھپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقى تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، تۈركمەنىستان جەمئىيىتى، قىرغىزىستان ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى، قازاق - تۈرك ۋەھپى، ئايدىنلار جەمئىيىتى، شېھىد ۋە غازىلار جەمئىيىتى، ئەھمەد يەسەۋىي ۋەھپى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمغا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ تۈرك تىلى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەر قايسى جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى قىزغىن قارشى ئالدى. مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە قىممەتلىك سوۋغا بۇيۇملىرى ھەدىيە قىلدى. مۇراسىمغا قاتناشقان جەمئىيەت ۋەكىللىرى، مەھتاب گۇرۇبىنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن دۇمباق - سۇناي تەڭكەش قىلغان تۈركلەرنىڭ مىللىي مارشى ئوقۇلغان ھالدا ئىستانبۇل ۋالىيلىقىدىن ئىستانبۇل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى.
تۈركىيە ۋاقتى سائەت 10:30 دا ئىستانبۇل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا 2 - قېتىملىق مۇراسىم باشلاندى. بۇ مۇراسىمغا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى، مۇراسىمدا ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى، ئىستانبۇل شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەت سالامەت، ئېمىنۇنۇ رايونى باشلىقى نەۋزات ئەر، ئەزەربەيجاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيياد ئاران، تۈركىيە 66 - پىيادە قوراللىق قىسىم قۇماندانى گېنېرال پىكرەت تۇلۇنگۈچ قاتارلىق شەخىسلەر سۆز قىلدى. تۈركىيە باش مىنىسىتىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، دۆلەت مىنىستىرى مۇستاپا سېيىت يازىچىئوغلى، ئادالەت مىنىستىرى مەھمەت ئەلى شاھىن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى قاتارلىق مىنىستىرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تېلىگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "نورۇزنىڭ بىر جەزبىسى بار، نورۇز كېلىشى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن ،يامانلىقلاردىن قۇتۇلۇپ يېڭىدىن تۇغۇلغانغا ئوخشاش بولىسىز، بۇ يېڭى كۈن بىلەن ھاياتىڭىزنى يېڭىدىن باشلىغاندەك بولىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق ۋە تىنچلىق بۇ كۈندىن ، بۇ يىلدىن باشلانسۇن. نورۇز ئىنسانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ خۇشاللىق بېغىشلايدىغان بىر بايرامدۇر، قان قېرىنداشلىق تومۇرلىرىمىز بىلەن باغلانغان تۈرك تۇپراقلىرى، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىن چەمبەرچەس باغلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار يېڭى كۈن بىلەن جانلىنىدۇ، نورۇز بەخت - سائادەتنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر، بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر - بىرىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ، قېرىنداشلىق كۆڭلىنى ئىپادىلەپ سېخىلارچە خۇشاللىقىنى نامايەن قىلىشى لازىم."
كېيىن نورۇز بايرىمىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ - ئادىتى بۇيىچە تۆمۈرنى سەندەل ئۈستىدە قويۇپ بازغان بىلەن ئۇرۇش ، تۇخۇم چېكىش، نورۇز بايرىمىنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى، تاماق زىياپىتىدىن كېيىن مۇراسىم ئاخىرلاشتى. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا بىز بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ مۇراسىم ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئارسلان)