ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻠﺎﻥ
2010.03.19
2010.03.19
RFA Photo - Arslan
بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن چەتئەلدىن كەلگەن مېھمانلار ئىستانبۇلدىكى توپكاپى سارىيى، ئاياسوفىيا، پاناروما، سۇلتان ئەخمەد مەسچىتى قاتارلىق مۇزېي ۋە تارىخى ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى، ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
كېيىن تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەخسلەرنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا تۈركىيە IHH كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر فارۇق ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھۆر شەرقىي تۈركىستان يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يىغىندا يەنە، ئاۋسترالىيىدىن كەلگەن ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى، تىبەتلەرنىڭ ۋەكىلى تسەتەن سامدۇپ ئەپەندى، ۋە ئەرەب دۇنياسىدا تونۇلغان ئىئۇردانىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى بۇ يىغىن جەريانىدا يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆز - ئارا بىر - بىرى بىلەن تونۇشتى.
بۈگۈن يەنە تۈركىيىنىڭ TV5 ۋە ھىلال تېلېۋىزىيىلەردە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، TV5 تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئىككى شەرق، ئىككى غەرب ناملىق پروگراممىسىغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سيىت تۈمتۈرك، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ باردى.
ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە " ھۆر شەرقىي تۈركىستان يىغىنى" نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.