قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تەككەن ماقالىدا نېمىلەر دىيىلگەن؟


2004.12.24

1989- يىلى قۇرۇلغان قىرغىزىستان ئىتتىپاق جەمىيىتى، ئۆزىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 17 – دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئوپېرا - تىياتىر پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىدى. بىراق، قىرغىزىستان دۆلەت كاتىپى ئوسماناخون ئىبراھىموف 14 - دىكابىر كۈنى "ئىتتىپاق" نىڭ قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئوپېرا - تىياتىر سارىيىدا يىللىق يىغىن ئېچىشنى چەكلىگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ چەكلىنىشىگە تۈرتكە بولغىنى، "ئىتتىپاق" نىڭ رەئىسى روزى مەمەت ئابدۇلباقىيىفنىڭ "ئاغىم" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدىكى "ھەر بىر ئۇيغۇر كەلگۈسىدە ئۇيغۇرىستان - شەرقى تۈركىستاننىڭ مۈستەقىللىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ" سۆزى بولۇپ، قىرغىز ھۆكۈمىتى ئەگەر، روزى مەمەت ئابدۇلباقىيىف گېزىتكە بەرگەن باياناتىنى قايتۇرۇپ ئالسا، يىغىننىڭ داۋاملىق ئىچىلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، روزى مەمەت ئابدۇلباقىيىف، باياناتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى رەت قىلغان.

مۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام "ئاغىم" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان شۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى ھەققىدە بۇ پروگراممىنى تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.