قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى يىغىن ئۆتكۈزدى
2005.04.28
28-ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى قىرغىزىستاندىكى زىيارەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشتى.
جەمىيەت باشلىقى روزى مۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن قۇرۇشقا قاتناشقان ئوفېتسىر – جەڭچىلىرىنى خاتىرىلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
جەمىيەت مەسۇلى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، سايلام ھوقۇقىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا قوللىنىشقا چاقىردى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇئاۋىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر قېيىن ئەھۋالدا قالدى
- قىرغىزىستان ئۇيغۇر "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى
- قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تەككەن ماقالىدا نېمىلەر دىيىلگەن؟
- د ئۇ ق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى