قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 1-ئۆكتەبىرنى ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى مەركىزى كېڭەش ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، مەدەنىيەت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى ئالدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر يىغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.