0:00 / 0:00
باش شتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 23 - ۋە 24 - مارت ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دېموكراتىيە تەربىيىسى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستان ۋە شۋېتسىيىدىن يىتىپ كەلگەن ئايال ۋەكىللەر رادىئومىزدا زىيارەتتە بولدى ۋە بۇ جەرياندا مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.