
ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا "ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە تەربىيىلەش" يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان مەزكۈر يىغىن، جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋاشىنگتون ۋاقتى سائەت 1 دە باشلاندى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەزكۈر يىغىننىڭ ئېچىلىشىدىكى ئاساسىي مەقسىدى، شۇنىڭدەك يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا كۈچ چىقارغان ۋە ياردەم قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر ھەمدە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئالدى بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ، سۆز قىلدى.
يىغىندا خۇدسون ئىنىستىتۇتى دىنىي ئەركىنلىك مەركىزى مۇدىرى Nina Shea خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى مۇدىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەت كومېتىتى خادىمى Hans Hogrefe ئەپەندى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا شۆبىسى ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى T Kumar، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى Lousia Coan Greve خانىم، خەلقئارا تىبەچت ھەرىكىتى ئىجرائىيە مۇدىرى Mary Beth Markey خانىملار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى قاتارلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىللەر ھەققىدە توختىلىپ، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلغاندا ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى، شۇنىڭدەك دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دەلىل، ئىسپات - پاكىتلار بىلەن ئاڭلىتىشنى تەشەببۈس قىلدى.
ئۇلار سۆزلىرىدە يەنە بىردەك ھالدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىىسنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ۋاستە - ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، خىتايدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەندە بۇ خىل توساقلارنى بۆسۈپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يىغىندا يەنە، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى ياخشىلاش توغرىسىدىمۇ نۇتۇقلار سۆزلەندى.
ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن، ئۇيغۇر ئاياللار ۋەكىللىرى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە بۇ خىل ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا تۈرلۈك سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى. يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان يىغىن ئەھلىنىڭ سانى 100دىن ئېشىپ كەتتى.
" ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن تەربىيەلەش" يىغىنى يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. بىز سىلەرگە بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز. (ئەقىدە)