خىتاي تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنى ئامېرىكىغا قارشى كوزۇر قىلىپ قوللىنامدۇ ؟


2007.08.13

Dollar-Sale-200.jpg
بېيجىڭدىكى بىر پۇل نۇسخىلىرىنى سېتىش دۇكىنىدا، سېتىشقا چىقىرىپ قويغان ئامېرىكا دوللىرى ۋە خىتاي پۇلى. 12 - ئاۋغۇست، 2007. the US dollar bills and Chinese yuan notes on sale at a currency souvenir shop in Beijing, 12 August 2007. AFP PHOTO/TEH ENG KOON

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى يېقىندا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئۈندەيدىغان بىر قانۇن لاھىيىسى ماقۇللىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەتقىقات ئورنى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي غەزىنىسىدىكى دوللار زاپىسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىغا قارشى كوزۇر قىلىپ قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەگەر خىتاي ئامېرىكىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىسا، راستىنلا غەزىنىدىكى دوللارنى ئامېرىكىغا قارشى سىياسى كوزۇر قىلىپ ئىشلىتەمدۇ ؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

خىتاي تەتقىقات ئورگانلىرى تەھدىت سالدى

ئەنگىلىيە " كۈندىلىك تېلېگراف" گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى قارمىقىدىكى پۇل - مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى شيا بىڭ، جۇڭگو، غەزىنىدىكى 1 ترىلىئون 330 مىليارد دوللار تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنى "سىياسى كوزۇر"قىلىپ قوللۇنۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بېسىمىغا قارشى تۇرالايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خې فەن ئىسىملىك يەنە بىر ئىقتىسادشۇناسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئېنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان "جۇڭگو" گېزىتىدە، ئەگەر جۇڭگو خالىسا غەزىنىدىكى دوللارنى بىراقلا بازارغا سېلىپ، ئامېرىكا دوللىرىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، دېگەنلىكىنى ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ھەم پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى بۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزى ئامېرىكىغا ئاشكارە ئىقتىسادى تەھدىت سېلىش ھىساپلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىكى1 ترىلىئون 330 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنىڭ 900 مىليارد دوللىرىنى ئامېرىكا دوللىرى ئىگەللىگەن بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسىمى ئامېرىكا غەزىنە چېكىنى ئاساس قىلماقتا. ئەنگىلىيە "كۈندىلىك تېلېگراف"گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، گەرچە بۇ تەھدىت خىتاينىڭ رەسمى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم غەزىنىدىكى دوللارنى سىياسى كوزۇر قىلىپ ئىشلىتىشنى تىلغا ئېلىشىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟

غەزىنىدىكى دوللارنى بىراقلا بازارغا سېلىشنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قانچىلىك بولىدۇ ؟ بۇ مەسىلىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرى بىردەكلىككە ئىگە ئەمەس. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر خىتاي ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشۈۋاتقان بىر مەزگىلدە دوللارنى تۆكمە قىلىپ ساتسا، بۇ دوللارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۈمكىنلىكى ياكى بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زايۇم تاپاۋېتىنى زور مىقداردا ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا ئۆي بازىرى سودىسىدىكى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا ئىقتىسادى قىسمەن تەسىرگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئەڭ كۆپ زىيان تارتقۇچى دۆلەت يەنىلا خىتاينىڭ ئۆزى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پەرھاد بىلگىن، ئامېرىكا مالىيە گۇرۇھى State- Street شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى، بۇ سۆزلەرنى رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەرگەندە تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ بازار ئىناۋىتىگە پايدىسىز

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى خې فەن، " جۇڭگو گېزىتى"دىكى باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىكى دوللار زاپىسى ئامېرىكا دوللىرىنى قوغداش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە، شۋېتسىيىگە ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي پېرىۋۇتىدا دوللارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى ئازايماقتا. پەقەت دوللار بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مۇقۇملۇقىنى ساقلىغاندىلا، دوللارنىڭ خىتاي غەزىنىسىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى ئازايماسلىقى مۈمكىن. ئەمما خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈلسە، مەركىزى بانكا غەزىنىدىكى دوللارنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، دوللارنىڭ قىممىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلالايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي دۆلەت كابىنتى تەرەققىيات مەركىزى ۋە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ سۆزى خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە ساھەسىنىڭ دىققىتى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغاپ، بۇ شۇ كۈنىلا پۇل - مۇئامىلە بازىرىدا ئىنكاس پەيدا قىلغان ۋە شۇ كۈنى پۇل - مۇئامىلە بازىرىدا دوللارنىڭ فوند - ستېرلىڭ ۋە ياۋرو بىلەن ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن . ئامېرىكا State - Street مالىيە گۇرۇھىدىكى پەرھاد بىلگىن، بۇ ئىككى خىتاي مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزلىرىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، دەپ ئەيىبلەپ، ئەگەر خىتايلار غەزىنىدىكى دوللارنى تۈرمە قىلىپ ساتسا، بۇ خەلقئارا بازاردا خىتاينىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇش: بۇ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان تەۋەككۈلچىلىك

پرېزىدېنت بۇش بۇ ئىككى خىتاي مۇتەخەسسىسىنىڭ خىتاي دۆلەت غەزىنىسىدىكى دوللارنى تۆكمە قىلىپ سېتىش پىكىرىنى" تەۋەككۈلچىلىك"، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

بۇش ئامېرىكا Fox تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئەگەر خىتاي دوللارنى تۆكمە قىلىپ ساتسا، بۇ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي قىلغان"تەۋەككۈلچىلىك"بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي خەلق بانكىسى دوللارنى تۆكمە قىلىپ ساتمايمىز

ئەنگلىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرى ۋە پرېزىدېنت بۇشنىڭ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەزگۈرلىكىنى قوزغىغان بولسا كېرەك. خىتاي خەلق بانكىسى يەكشەنبە كۈنى ئەنگلىيە "كۈندىلىك تېلېگراف" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىدە قالدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي خەلق بانكىسى مەسئۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش ھەققىدىكى سۆز چۆچەكلەرنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت زايۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوللار مۈلكى جۇڭگو تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، دەپ ئەسكەرتكەنلىكىنى ۋە جۇڭگو بۇ مەسىلىگە ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە ئىستىراتېگىيىلىك نۇقتى - نەزەردە قارايدۇ، دېگەنلىكىنى يازدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.