خىتايدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىۋاتقان ئىقتىدارلىق كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە


2007.02.12

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلان قىلغان 2007 ‏- يىللىق دوكلاتتا ھازىرغىچە خىتايدىن چەت دۆلەتلەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ 35 مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا "خىتاي كۆچمەنلىرى ئاساسەن ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن، بولۇپمۇ 20 ‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 10 يىلى ئىچىدە، ئامېرىكىغا كېلىپ تۇرۇپ قالغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، ئومۇمىي سانى 460 مىڭدىن ئاشقان.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلان قىلغان 2007 ‏- يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيانقى كۆچمەنلەر ئارىسىدا، بىلىم ئىگىلىرى ئىنتايىن زور پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. ھازىرنىڭ ئۆزىدە، چەتئەلدىكى خىتايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن كەسپى خادىملار 300 مىڭدىن ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، تەربىيىلەپ چىققان بىلىم ئىگىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئۆز ۋەتىنىگە ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەرگە تۆھپە قوشماقتا ئىكەن. كۆپلىگەن خىتاي ئانالىزچىلىرى بۇ خىل ئەھۋالنى "خىتاي تەرەققىياتىغا سېلىنىۋاتقان زور زىيان" دەپ قارىماقتا. لېكىن يەنە بىر تۈركۈم خىتاي تەتقىقاتچىلىرى خىتايدەك بۇنداق كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەتتە، بىر قىسىم ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چەتئەللەرگە چىقىشى مەزكۇر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەكسىنچە، خىتاينىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرىۋاتقان زىيالىيلىرى ئارىسىدا، مەلۇم بىر قىسمى نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆز يېرىگە قايتىپ كىلىپ ئۆز دۆلىتىگە تۆھپە قوشماقتا، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالنى پۈتۈنلەي زىيانلىق دەپ قارىغىلى بولمايدۇ " دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئەنگىلىيە نوتىنخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېن يۇڭنيەن ئەپەندى "ھازىرقى خىتايدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى 80 ‏- ۋە 90 ‏- يىللاردىكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى خىتايدىكى تەرەققىيات مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلارنى زور ھاياجانغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتەلەيدۇ" دەپ بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندى تۈركۈملەپ چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە جېن يۇڭنيەن ئەپەندى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىنى يولغا قويمىسا ۋە شۇنداقلا ئۆز يېرىگە قايتىپ بارغان ئىقتىدارلىق خادىملىرىغا يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بەرمىسە، خىتاي تەرققىياتىغا يەنىلا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز يېرىدە تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر سەۋەب تۈپەيلىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان چەتتە ئوقۇپ يېتىلگەن، قايتىپ بېرىپ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى نىشان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆز يېرىدىن قايتا ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ياققا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى سۆزىدە يەنە "ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتالماي، چەتئەللەردە يۈرۈشى، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا زور زىيان بولماقتا" دەپ تەكىتلىدى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.