خىتاي جاسۇسلىرى كانادادا ئاخبارات ئوغرىلىماقتا

0:00 / 0:00

كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى يېقىندا 2004 - يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئەھۋالى دوكلاتىنى تەييارلىدى. دۆلەتلىك پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا ئوقۇغۇچى، پەن- تېخنىكا خادىمى قاتارلىقلارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، كانادانىڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكا ئاخباراتلىرىنى ئوغرىلاپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قورال تېخنىكىلىرىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر ئەخمەتجان ئوسمان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ھەربىي ئاخبارات توپلاشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.