خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىدە تېررورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان

4 - ئىيۇن كۈنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاۋسترالىيىدىن ئالغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنى شەھرىدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلوماتلىرىدىن چېن يوڭلىن ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاسىيلىق قىلىپ ئەلچىخانىدىن قاچقان.

چېن يوڭلىن ئەپەندى بىر ھەپتىگىچە ئاۋىستىرالىيىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن، 1989 -يىلى بېيىجىڭدە يۈ زبەرگەن "4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى" نىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنى، ئۇ سېدنى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بايانات ئېلان قىلغان.

خىتاي جاسۇسلىرى ئاۋسترالىيىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاسىيلىق قىلغان 37 ياشلىق دىپلومات چېن يوڭلىن ئەپەندى باياناتىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىدە تۇرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا تەھدىت سېلىش ياكى ئۇلارنى خالىغانچە گۆرۈگە ئېلىش ياكى تۇتۇپ، يالاپ خىتايغا ئېلىپ كېتىش قاتارلىق تېررورچىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە تېخىچە ھېچقانداق سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىدى. ھازىر خىتايدا خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يوق. پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى يوق" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاسىيلىق قىلغان دىپلومات چېن يوڭلىن ئەپەندى باياناتىدا يەنە "ئاۋسترالىيىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل ئوخشىمىغان سالاھىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان مىڭلىغان جاسۇسى بار. بۇنىڭ بىر مۇنچىسى ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىغا، بولۇپمۇ فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلغۇچى تىنچ پۇقرالارغا جىنايەت توقۇش، تەھدىت سېلىش ياكى ئۇلارنى ئۆز خاھىشى بويىچە گۆرۈگە ئېلىش، قولغا ئېلىش، يالاپ خىتايغا ئەكىتىش قاتارلىق تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ" دېگەن. ئۇ ئۆزىمۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق جاسۇسلۇق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قولىدا تولۇق پاكىت بارلىقىنى، شۇنداقلا، ئۇ خىزمەت جەريانىدا بۇيرۇققا ئىتائەت قىلماي بىرمۇنچە كىشىلەرنى قوغداپ قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىر ئۇ خىتايغا قايتىپ كەتسە خېيىمخەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى "چېن يوڭلىننىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇش ۋاقتى توشتى، ئەمما ئۇ خىتايغا قايتىپ كېتىشنى خالىمىغانلىقتىن، ئاۋسترالىيىدە تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن باھانە - سەۋەپ تېپىۋاتىدۇ" دېگەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىمۇ دەسلەپتە چېن يوڭلىننىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان .

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" ئە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاسىيلىق قىلغان دىپلومات چېن يوڭلىن ئەپەندى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن قاچقان. 24 سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. ئۇ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ جاسۇسلىرى چېن يوڭلىننى تۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلغان.

چېن يوڭلىن ئەپەندى 4 - ئىيۇن كۈنى چوڭ يىغىلىشتا ئوتتۇرىغا چىقىپ بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن. ئاۋسترالىيىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىمۇ ئۇنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە باشلىغان.

خىتاي جاسۇسلىرى سۈرۈشتۈرۈلمەكتە

"ئاۋسترالىيان گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن جاسۇسلۇققا قارشى تۇرىدىغان بىر ئورگان ، ھازىر چەتئەل جاسۇسلىرىنى، بولۇپمۇ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى رۇس جاسۇسلىرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى خىتاي جاسۇسلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغان.

فالۇنگوڭچىلارنىڭ "خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەشكىلاتى" خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاسىيلىق قىلغان دىپلومات چېن يوڭلىن ئەپەندى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەن.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باش ئەلچى، كونسۇل دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردە مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغايدىغان تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. خەلقنىڭ پۇلىنى سەرپ قىلىپ چەتئەل تەشكىلاتلىرىدىن گۇماشتا ئىزلەۋاتىدۇ. ئەلچىخانىلاردىكى 1 - دەرىجىلىك كاتىپ، 2 - دەرىجىلىك كاتىپ، 3 - دەرىجىلىك كاتىپ دېگەن ئەمەلدارلار ئارقىلىق مەخسۇس ئاخبارات توپلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلچىخانىلىرىدىكى "ھەربىي ئەمەلدار" دېگەنلەر خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى باش شىتابىنىڭ 2 -، 3 - بۆلۈملىرى ئۈچۈن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئاخبارات توپلاۋاتىدۇ.

چەتئەللەردە خىتاي مەبلەغ سالغان ياكى شىرىكلەشكەن شىركەتلەرگە، دوستلۇق جەمئىيىتى دېگەندەك تەشكىلارغا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى جاسۇسلىرىنى رۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئادەتتە جاسۇسلۇق ئىشلىرىغا قاتناشمايدۇ دېيىلسىمۇ، ئەمما، ئۇلارمۇ ھازىر چەتئەللەرگە جاسۇس ئەۋەتمەكتە. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەشكىلاتى ھازىر نيۇيورك، چىكاگو، خيۇستىن، لوس ئانجىلىس، سانفىرانسېسكو شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە فرانسىيە، گېرمانىيە، سىنگاپور، ھىندونېزىيىلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى پەيدا قىلغان ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. (ۋەلى)