خەن گۇاڭشىڭ ئامېرىكىغىمۇ ئۈچ قېتىم جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

كانادادا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، خىتاينىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق تۈرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شېنياڭ شەھەرلىك ئەدىلىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى خەن گۇاڭشىڭ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ساختا سالاھىيەت بىلەن ئۈچ قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ، جاسۇسلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ كانادادىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان مەلۇمتالر ئاساسىدا تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.