0:00 / 0:00
خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا ھەر خىل يوللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ھەمدە بىۋاستە بېسىمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.