كانادا ھۆكۈمىتى كانادادىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قارىتا تەدبىر ئېلىپ بارماقچى


2006.04.17
AUSTRALIA_CHINA_DIPLOMAT_27.jpg
ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن 2005-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنىي شەھىرىدە تيەنئەنمىئېن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنىدە. چېن يوڭلىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاۋسترالىيىدە 1000 دىن ئارتۇق خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. AFP

كانادادا يېڭى ھۆكۈمەت ئىش بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرمەكتە.

ئالدىنقى كۈنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Péter Mackay خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادانىڭ سانائەت ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ۋەقەلىرىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرلىرىنىڭ كانادادىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ماشىنا زاپچاسلىرىدىن يۇقىرى باج ئېلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تىەنئەنمېن ۋەقەسى جەريانىدا تىەنئەنمېندىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىگە تۇخۇم ئېتىپ، سىيا چاچقانلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇن يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، تايلاندقا قېچىپ چىققان لۇ دېچېڭغا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى پانالىق بەرگەنلىكى، كانادا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئاخباراتلىرىنى ئوغۇرلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولدى.

كانادا خىتاي جاسۇسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قەتئىي نىيەتكە كەلدى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Péter Mackay نىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورايدىغان ۋە كانادادىكى خىتاي جاسۇسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

بىز بۇ بىشارەتنىڭ كۆزلىگەن ئادرېسقا يېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىنى ئېيتىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىت يېتىپ كەلدى، دەپ قارايمىز. بىز دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى قوغداشقا مۇھتاج.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Péter Mackay نىڭ تەكىتلىشىچە، كانادانىڭ RIM ئىسىملىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان، قولدا كۆتۈرىۋالىدىغان e-mail ئەسۋابىنىڭ Blackberry يەنى قارا قۇلۇپنىك ناملىق زاپچىسىنى خىتاي ئوغۇرلۇقچە كۆچۈپ ياسىغان ئەمما ئۇلار بۇ زاپچاسنىڭ ئىسمىنى قىزىل قۇلۇپنىك دەپ ئاتىغان. كانادادىكى بۇ شىركەت بىلەن خىتاينىڭ ليەنتوڭ شىركىتى ئوتتۇرىسىدا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش- تارتىش يۈز بەرگەن.

خىتاي جاسۇسلىرى مەسىلىسى يېڭى مەسىلە ئەمەس

كانادادا مىڭلىغان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى كانادالىقلار ئۈچۈن يېڭى خەۋەر ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لىبېرال پارتىيە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتتىكى ۋاقتىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىققان ۋە ھۆكۈمەتتىن خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيىتىگە تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

كانادانىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى CTW نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا كونسېرۋاتىپ پارتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى Stockwel Day، سابىق باش مىنىستىرى Paul Martin غا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادادا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى مەسىلىسىنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىگە يۈزمۇ-يۈز ئېيتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغانىكەن. Stockwel Day ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. شۇڭا كونسېرۋاتىپ پارتىيە، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، مىڭلىغان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادادا ئاخبارات ئوغۇرلاۋاتقانلىقىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.

خىتاي جاسۇسلىرى كانادانىڭ ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا

كانادا خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ كانادادىكى جاسۇسلىرى ۋە قۇلاقلىرى تەخمىنەن 1000دىن ئاشىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى زىيارەتچى ئوقۇغۇچى، پەن تېخنىكا ئالىمى ۋە سودىگەرلەر ئىكەن. ئۇلار كانادانىڭ ئەڭ ئىلغار پەن تېخنىكا ئاخباراتلىرىنى ئوغۇرلايدىكەن.

كانادا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ كانادانىڭ ئۆتكۈر تېخنىكىسىنى، ھەربى ۋە باشقا مەخپىيەتلىكى يۇقىرى بولغان ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ، كانادانىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Péter Mackay خىتاي دائىرلىرىنىڭ كانادادا سودا جاسۇسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ "بىز سودا جاسۇسلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز. دەلىل-ئىسپات ۋە دوكلاتلاردىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، خىتاينىڭ سودا جاسۇسلىرى كانادادا جىددى ھەرىكەت قىلماقتا"، دەيدۇ.

كانادا خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ سابىق مەسئۇلى Michel Katsuya نىڭ بىلدۈرىشىچە، لىبېرال پارتىيە ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ كانادادا سودا جاسۇسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، ئامما ئۇلار خىتاي بىلەن بولغان سودىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينى رەنجىتىشنى خالىمىغان، ئامما سودا مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ داۋاملىق ئوغۇرلىنىشى كانادانى ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارغا ئۇچراتقان.

Katsuya نىڭ تەكىتلىشىچە، كانادانىڭ ھەر بىر ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ياكى سودا مەخپىيەتلىكى ئوغۇرلانغاندا يۈز مىليونلاپ دوللار زىيان بولغان، مىڭلىغان كىشى ئۆز خىزمەتلىرىدىن ئايرىلغان.

كانادا خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى Barbara Campion بولسا، كانادانىڭ چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئاز ساندىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇندىن كېيىن يىرىكلىشىشى مۇمكىن

ئالدىنقى يىلى، ئاۋسترالىيىدە سىياسى پانالىق تىلىگەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى چەن يونلىن، بىخەتەرلىك ئورگىنىڭ خادىمى شاۋفېڭ جۈن ۋە كانادادا سىياسى پانالىق تىلىگەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەدلىيە ئەمەلدارى خەن گۇاڭ شېڭ قاتارلىقلار كانادادا 1000 دىن ئوشۇق خىتاي جاسۇسۇسىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

خىتاينىڭ ئوتاۋادىكى باش ئەلچىخانىسى ئۆز جاسۇسلىرىنىڭ كانادادا سودا جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئەيىبلەشلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن باش تارتتى. ئامما مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادادىكى پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئوتاۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىلەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.