كانادا، ئامېرىكىلاردا خىتاي جاسۇسلىرى ئەيىبلەنمەكتە


2006.05.11
AUSTRALIA_CHINA_DIPLOMAT_27.jpg
ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن 2005-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنىي شەھىرىدە تيەنئەنمىئېن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنىدە. چېن يوڭلىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاۋسترالىيىدە 1000 دىن ئارتۇق خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. AFP

مۇخبىرىمىزنىڭ كانادادىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسى لۇسۇمىن ئەپەندى يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ھەرخىل ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە ھەرخىل سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ كانادا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ سۆزلەشكە باشلىغان. ئۇ سۆزىدە "كانادادا جۇڭگونىڭ ھېچقانداق جاسۇسى يوق، جۇڭگو كانادادىن سودا، پەن -تېخنىكا ۋە ياكى باشقا ئاخبارات ئوغرىلىغىنى يوق، كانادا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى پاكىتسىز" دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ناھايىتى كۆپ خىتاي جاسۇسلىرى كانادانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالماقتا

خىتاي ئەلچىسى لۇ سۇمىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە "كانادا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى خىتاي -كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە پايدىلىق ئەمەس، بىزنىڭ بەزى شىركەتلىرىمىز ھازىر يۇقارقىدەك ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كاناداغا مەبلەغ سېلىشتىن يالتىيىۋالدى. ئەگەر بۇنداق ئەيىبلەش يەنە داۋام قىلىۋەرسە، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەپداشلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ" دەپ تەھدىت سالغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەيكېر ئەپەندى CCTV نىڭ زيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا "ناھايىتى كۆپ خىتاي جاسۇسلىرى كانادادا ھەرىكەت قىلىپ كانادانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالماقتا" دېگەن ئىدى. ھازىر كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى مەيكېر ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق باھانە كۆرسىتىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدكى بەزى كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن" دەپ قارىماقتا.

خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىدا

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادادا خىتاي جاسۇسلىرى مەسىلىسىدە تالاش ‏-تارتىش بولۇۋاتقان ۋاقىتتا، 8 ‏- ماي كۈنى، ئامېرىكىنىڭ فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىغا دائىر سەزگۈر تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى ئوغرىلىغان 3 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى "ئېغىر جىنايەت سادىر قىلدى" دەپ ئەيىبلىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرۈش ئىدارىسى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگېنىتى" دەپ ئەيىبلىگەن 3 جاسۇسنىڭ بىرى 65 ياشلىق ئامېرىكا پۇقراسى خىتاي ئىنجىنىرى مەي داجژ، ئىككىنچىىسى ئۇنىڭ 62 ياشلىق ئايالى جاۋ لىخۇا، ئۈچىنچىسى ئۇنىڭ 56 ياشلىق ئۇكىسى، فېڭخۇاڭ ۋېيشى تېلېۋىزىيىسىنىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى، ئامېرىكىدا تۇرۇشقا يېشىل كارت ئېلىپ بولغان مەي داخوڭ. ئۇلار سوراققا تارتىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى لوس ئانجىلىس شەھىرىدىكى تۇرالغۇسىدا تاپشۇرۇۋالغان.

"تەيۋەن گېزىتى" دە 5 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاپتورى تەيۋەن جامائەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، سىياسىي مۇلاھىزىچى لياۋ دۇڭچىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 20 ‏- ئەسردە كوممۇنستىك پارتىيىلەر 20 نەچچە دۆلەتتە ئۆزىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ھازىرقى دەۋرىمىزدە بولسا، كوممۇنىستىك پارتىيە پەقەت خىتاي، شىمالىي كورىيە، ۋېتنام ۋە كۇبادىن ئىبارەت 4 دۆلەتتىلا قالدى. قالغاندىمۇ پەقەت چىرىكلىك ۋە ياۋۇزلۇققا تايىنىپ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ، خالاس.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھازىر شىمالىي كورىيىدىن يامراپ كېلىشى مۇمكىن بولغان نامراتلار ئېقىنىنى توسۇش ئۈچۈن چېگرىغا 30 مىڭ ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىدىن قارىغاندا، شىمالى كورىيىدە كوممۇنىستىك پارتىيە ئاللىقاچان ئۆز ئىچىدە گۇمرانلىققا يۈزلەنگەن. ھازىر شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ "ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش" دېگەن خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد ئۈزدى. بەلكى جەنۇبىي كورىيە ھازىر شىماليى كورىيىدە جىددىي داۋالغۇش پەيدا بولسا، ئۇنى ئىدارە قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ھەرىكەتتە

كوممۇنىستىك پارتىيىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي كوممۇنىستىك پارتيىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا "ئامېرىكا تۇپرىقىدا كوممۇنىىستىك پارتىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قانۇنسىز" دەپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ھېچقانداق تەشكىلاتى يوق. لېكىن ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان كىچىككىنە تەيۋەندىكى مىنجىڭداڭ، گومىنداڭ، جەنگوداڭ، تەيليەنداڭ دېگەن 4 چوڭ پارتىيىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا ئاللىبۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ شۆبىلىرىنى قۇرۇپ چوڭقۇر يىلىتىز تارتىپ بولغان. بۇنى كۆرگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يېڭى ھېلە پىلانلاپ ، ئامېرىكا تۇپرىقىدا "خىتاي ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى" شۇنداقلا شەھەر ياكى ئۆلكىلەر بۇيىچە تەشكىللەنگەن "يۇرتداشلار جەمئىيىتى" دېگەن تەشكىلاتلارنى پەيدا قىلدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇشۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ يۇشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانلىقى ئامېرىكا فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمىدى. پاش قىلىنغان قوش بىسلىق جاسۇس چېن ۋېنيىڭ، لى ۋېنخاۋ دېگەنلەر دەل مۇشۇنداق شارائىتتا ھەرىكەت قىلغان خىتاي جاسۇسلىرى.

ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، - دەيدۇ مۇلاھىزىچى لياۋ ئەپەندى، -ئامېرىكىدا يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار. خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىشى ۋە ھەربىي ئۇچۇر سېستىمىسىنى ياخشىلىشىغا ماسلىشىپ ئامېرىكىدىن 500 مىڭ يۇەنلىك نازۇك ئېلېكترونلۇق سەپلىمىلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئەر -خوتۇن خىتاي جاسۇسىمۇ دەل مۇشۇ تىپتىكى كىشىلەر. - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، - چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئامېرىكىغا كېلىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاخىر ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشقا ئىلتىماس سۇنغان كىشىلەر "كوممۇنسىتىك پارتىيىگە ئەزا بولغانمۇ؟ "، "ئەزالىقىڭنى داۋاملاشتۇرامسەن؟"، "كوممۇنىستىك پارتىيىنى قوللامسەن؟ " دېگەن سۇئاللارنىڭ ھەممسىگە جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىغا ھەممە ۋەدىنى بېرىپ پۇقرا بولۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ پارتىيە بايرىمىنى، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن ئالاقىسىنى ئۈزمەي كېلىۋاتقان بۇنداق ئالدامچىلار ئاز ئەمەس. ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەت باركى، - دەيدۇ ئاپتور، - ئادەتتە ياخشى ئادەم كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئەزا بولمايدۇ، بىلمەي كىرىپ قالغان بولسا، ئۇ كىشى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىقىنى ھەرگىز داۋاملاشتۇرمايدۇ.(ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.