كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر نەپەر خىتاي ئىنژېنېر ئامېرىكىدا سوتقا تارتىلدى
2006.12.25
كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، كانادا پۇقراسى بولغان بىر نەپەر خىتاي ئىنژېنېر يۇقىرى پەن تېخنىكا ھەربى مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئامېرىكىدا سوت قىلىنغان. كانادا CBC تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تەۋەلىكىدىكى مەڭ شاۋدوڭ ئىسىملىك بىر نەپەر خىتاي ئىنژېنېر ھەربى مەشىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كومپۇتېر يۇمشاق دېتالىنى ئوغرىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساتقانلىقى ئاشكارە بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، سوتقا تارتىلغان. بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن، بېيجىڭلىق مەڭ شاۋدوڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن –تېخنىكا رايونى بولغان- كالىفورنىيەنىڭ Silicon Walley دە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغانىكەن. لېكىن كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەڭ شاۋدوڭنىڭ قاچان كانادا پۇقراسى بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىدى. ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ھەربى مەقسەتتىكى يۇمشاق دېتالىنىڭ خىتايغا سېتىلىشى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت
كانادا CBC تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەڭ شاۋدوڭ 2004 –يىلى ئۆزى خىزمەت قىلغان، ئامېرىكىنىڭ Quantum 3D شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، كومپۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ شىفرىسىنى ئوغرىلىۋېلىپ، ئۇنى كۆپەيتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساتقان. بۇ يۇمشاق دېتال كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەڭ شاۋ دوڭ بۇ مەھسۇلاتنىڭ لاھىيىلىنىش ئۇسۇللىرى بىلەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەمىنلىگەن. ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سىلىكون ۋاللەي رايونىدىكى باياناتچىسى يۆسۈپ سەدلەي CBC تېلېۋىزىيىسىدە مەڭ شاۋدوڭ دېلوسى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ يۇمشاق دېتاللار ناھايىتى كۆپ پۇلغا يارايدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ مەشىق ئېلىپ بارىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مەھسۇلاتى بولغان بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ چەتئەلگە ئەخپورت قىلىنىشى قاتتىق چەكلەنگەن. مەڭ شاۋدوڭ ھەربى مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى"، دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى كېۋىن ريان بولسا، بۇ دىلونىڭ ئامېرىكىغا ئىختىسادىي تەھدىت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ھەربى قۇرۇلمىسىغا ناھايىتى ئېغىر تەھدىت شەكىلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى بىرىنجى ئورۇندا
كانادادا چىقىدىغان شىڭدائو گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا، خىتايلارنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى دېلولار كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەڭ شاۋدوڭ تەمىنلىگەن ئاخبارات ئارقىلىق ئۆزىدىكى چوڭ بوشلۇقنى تولۇقلىۋالغان.
بۇ گېزىت يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسات ۋە خەۋىپسىزلىكنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مەھسۇلى Peter Brukis نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتە 140 دۆلەتنىڭ ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى، ئەلچىخانا خادىملىرى، مەسلىھەتچىلەر، سودا ۋەكىللىرى سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ 140 دۆلەت ئىچىدە خىتاينىڭ بىرىنچى، رۇسىيىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئامېرىكىدا خىتاينىڭ 3000 مىڭ شىركىتى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ
بۇ گېزىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكا خىتايغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن. چۈنكى خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكىتىدە ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن. خىتاينىڭ ئاز دېگەندە 3000 شىركىتى ئامېرىكىدا ئاخبارات توپلاش، بولۇپمۇ ئەڭ ئىلغار پەن –تېخنىكا ئاخباراتلىرىنى توپلاش ۋەزىپىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن . بۇ گېزىتنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى بولغان كالىفورنىيەنىڭ Silikon Walley دىكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ سانى ھەر يىلى 20% دىن 30% گىچە تىز سۈرەت بىلەن ئېشىپ بارغان. خىتاي تەرەپ بۇ جاسۇسلىرى بىلەن توپلىغان ئاخباراتلار ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، كۈچۈك ھەربى كۈچىنى قۇرۇپ چىققان.
مەڭ شاۋ دوڭ ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 38 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەربى ۋە سودا تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ھەربى مەخپىيەتلىكلەرنى قانۇنسىز سىرتقا چىقىرىش، قانۇنسىز يول بىلەن قولغا كەلتۈرگەن تېخنىكىنى چەتئەل ھۆكۈمىتىگە سېتىش، ساختا ئىسپات ياساپ چىقىش قاتارلىقلار جىنايەتلەر بار.
بۇ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا رايونى Silikon Walley دە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئاشكارىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ رايوندا قولغا ئېلىنغان يېفېي ۋە جوڭ مىڭ ئىسىملىك ئىككى نەپەر خىتاي كومپۇتەر مۇتەخەسسىسى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.
CBC تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەڭ شاۋدوڭ، ئامېرىكا 1996 يىلى "سودا جاسۇسلىقى قانۇنى" نى يولغا قويغاندىن كېيىن سوتقا تارتىلغان، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان 3-كىشى بولۇپ قالغان. ئەگەر ئۇنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى سوت تەرىپىدىن بەكىتىلسە، ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا ھۆكۈمىتىمۇ 1000 دىن ئوشۇق خىتاي جاسۇسىنىڭ كانادادا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن جىددى شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. (كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادا دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدە بىشارەت بېرىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ياپونىيىلىكنى ئۇيغۇر ئېلىدە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان
- كانادا، ئامېرىكىلاردا خىتاي جاسۇسلىرى ئەيىبلەنمەكتە
- كانادا ھۆكۈمىتى كانادادىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قارىتا تەدبىر ئېلىپ بارماقچى
- كانادا دائىرىلىرى خەن گۇاڭشىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلدى
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلىماقتا
- ئامېرىكىدا قانچىلىك خىتاي جاسۇسى بار؟
- سابىق خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
- خەن گۇاڭشىڭ ئامېرىكىغىمۇ ئۈچ قېتىم جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
- خاۋ فېڭجۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيىقەستىنى ئاشكارىلىدى
- ئاۋسترالىيە، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي دېپلوماتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
- كانادادا خىتاي جاسۇسلىرى سۈرۈشتۈرۈلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىدە تېررورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان