سابىق خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن كانادانى زىيارەت قىلدى
2007.06.18
ئاۋسترالىيىدە سىياسى پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ سېدنىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپى چېن يوڭلىن كانادادا زىيارەتتە بولدى. بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن چېن يوڭلىن 2005-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن چەك-چېگرىنى ئايرىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1000 دىن ئوشۇق جاسۇسىنىڭ كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كانادالىقلارنى خىتاي ھەققىدىكى شېرىن چۈشتىن ئويغاتقان ئىدى.
14 يىللىق دىپلوماتىيە تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بۇ سابىق دىپلومات، 10 نەچە كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا كانادانىڭ بىرقانچە شەھىرىدە دوكلات يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئارقىلىق چەت ئەللەردىكى خىتايلارنى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، جاسۇسلىرى ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ۋە غەيرى ئۇسۇللار ئارقىلىق، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كانادادىكى بەزى خىتاي جەمىيەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن كانادادىكى خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەتلىكلەر،' ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭچىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزچىل تۈردە توپلاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي جاسۇسلىرىنى بەزى خىتاي تەشكىلاتلىرى قانات ئاستىغا ئالغان
چېن يوڭلىن كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كانادادىكى خىتايلارغا ئائىت بەزى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ: كانادادا "كانادا خىتايلار بىرلەشمىسى"،دەيدىغان بىر تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات كانادادىكى خىتاي جاسۇسلىرىنى ئۆز كۈنلۈكى ئاستىغا توپلىغان.يەنە كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي جەمىيەتلىرى باش ئۇيۇشمىسى، جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە كانادا كەسپىي خادىملار جەمئىيىتى دېگەڭە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي كوممۇنىستلىرى پەردە ئارقىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىدۇ، دېدى.
چېن يوڭلىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چەت ئەللەردىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
خىتاي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسىنى تۇزاققا چۈشۈرگەن
چېن يوڭلىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسىنىڭ پاجىئەسىنى مىسالغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا، بۇ پارلامېنت ئەزاسى خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا 16 ياشقا تولمىغان بىر قىز بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋاتقاندا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە كېيىن سىرلىق ئۇسۇلدا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرى بۇ پارلامېنت ئەزاسىنى توزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ نارەسىدە قىزنى يەمچۈك قىلغان.
سىرلىق توزاققا دەسسىگەن ۋە ئىلگىرى خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ پارلامېنت ئەزاسى، ئاۋسترالىيىگە قايتقاندىن كېيىن، رادىئو تېلېۋىزىيە ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ھەدەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاشقا ئۆتكەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدىغان، مەلۇم بىر دۆلەتتىكى بىر زاتمۇ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە بۇ خىل توزاققا چۈشۈرۈلگەن ۋە كېيىن بۇ ئەرباب چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولغانىدى.
چېن يوڭلىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتى ئۈچۈن ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: "چەت ئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئاساسەن خىتاي كوممۇنىستلىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيەت راسخودىنىڭ ھەممىسىنى ئەلچىخانىنىڭ مائارىپ بۆلۈمى تەمىنلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ يىغىنلىرى ئادەتتە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ .ئۇيۇشمىنىڭ رەئىس ۋە ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ئەلچىخانىسى تەيىنلەيدۇ، دېدى.
ستەپھەن خارپەر غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئىچىدىكى جەسۇر رەھبەر
چېن يوڭلىن تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا،ستېپھەن خارپەر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋ تىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىنى ماختىدى: "بۇ ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇقنى بىرقەدەر كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدىغان ھۆكۈمەت بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇق، كانادانىڭ قىممەت قارىشى ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارنى قۇربان قىلمىدى،ئەكسىنچە بۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدىكى مەيدانىمۇ خېلى قاتتىق بولدى،" دېدى.
خىتاينىڭ كانادادا 1000 دىن ئوشۇق جاسۇسىنىڭ بارلىقى پاكىت
چېن يوڭلىن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى قانداق ئۇسۇل بىلەن نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى، زىيارەتچى ئالىم ۋە ھەرخىل شەكىلدە چەتئەلگە ئەۋەتكەن خادىملار ئىچىدىن ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، غايەت زور جاسۇسلار توپىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى مەخپىي ھەرىكەتلىرىنى تاشقى دۇنيا ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ قەدەر تەپسىلى ئاشكارىلانمىغان ئىدى. مېنىڭ بىلىدىغىنىم ئاۋسترالىيىدىكى ئەھۋاللار. نۆۋەتتە خىتاينىڭ دىپلوماتىيىسىدە كانادا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ قىممىتى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئامما مەن ئىلگىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شىمالى ئامېرىكا مەھكىمىسىدە ئىشلىگەچكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى سىرلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىمەن،" دېدى.
چېن يوڭلىن،خىتايدىكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا چەت ئەلدىكى خىتايلارنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولىدىغان بۇ خىلدىكى ھەركەتلەردىن قول ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتايدا دىپلوماتىيە كەسپىنىڭ كىشىلەر خالىمايدىغان كەسىپ ھالىغا كەلگەنلىكىنى،خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ كومپارتىيىگە قارشى تۇرغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئالدىنقى ئايدا كانادانىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنى يەنى كانادا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىم جۇدد، بۇ ئورگاندىكى خادىملارنىڭ كۆپىنىڭ كانادادىكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بىلەن كۈنى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
چېن يوڭلىننىڭ بۇ زىيارىتىگە كانادا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بۇ سابىق دىپلوماتنىڭ تۇنجى قېتىم كانادانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسىتى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سىياسەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۆسەيىن جېلىلنى ئادۋۇكاتى بىلەن ئۇچرىشىشقا رۇخسەت قىلدى
- خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە تور بېتىدە، ھۆسەيىن جېلىل قاتارلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە ماقالە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا
- كانادا پارلامېنتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- پېتەر ماككاينىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار
- خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى يەنە رەت قىلدى
- دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى ۋە خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- كانادادا بەش نەپەر خىتاي ساختا گۇۋاھنامە ياساش بىلەن قولغا ئېلىندى
- كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىل مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- خىتاي دائىرلىرى ھاكىمىيەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئەندىشىسى بىلەنلا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا