جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ئۈستىدىكى سوت يەنە كېچىكتۈرۈلدى

RFA Photo
بۈگۈن شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتىتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، سوتنىڭ يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلگەنلىكى يەنى، 7 - ئاينىڭ15 - كۈنىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
بابۇر مەخسۇت دېلوسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇنىڭ شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز تارقالغان ئىدى.
بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجان ئابدۇللاھ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەتجان ئابدۇللاھ ئەپەندى بابۇر مەخسۇتنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا پەخرىي مەسلىھەتچى بولغانلىقىنى، ئەمما تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھېچقانداق رولى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ھەم بابۇر مەخسۇتنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئورنى ۋە رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ئۈستىدىكى سوتنىڭ يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن بولغان تەشكىلىي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.