
رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى، ئەنگىلىيىگە قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ھەمدە ئەنگىلىيە پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغان ئالېكساندىر لىتۋىنېنكو 23-نويابىر كۈنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىشتىن توختىدى. دوختۇرلار لىتۋىنېنكونىڭ مەلۇم بىر زەھەرلىك ماددا بىلەن زەھەرلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان شۇنىڭدەك ئالېكساندىر لىتۋىنېنكو ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزىنى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ زەھەرلىگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئىشقا ئەنگىلىيە ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا مەزكۇر مەخپىي سۇيىقەست ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ يېزىشقا باشلىغان. ھەتتا، يەنە ۋلادىمىر پۇتىننىڭ لىتۋىنېنكونى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىغا قول قويغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار تارقالغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ دېلونى ئېنىقلاشقا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما، رۇسىيە ھۆكۈمىتى جۈملىدىن پرېزىدېنت پۇتىن غەرب دۇنياسىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىكى مەزكۇر ئۇچۇرلارنى قەتئىي ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بەرىبىر مەزكۇر مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا كەسكىنلىك ئۇلغۇيۇشقا يەنى بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يېزىشى بويىچە ئالغاندا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىشقا يۈزلەنگەن. بۇ ئەھۋال رۇسىيە جۈملىدىن پۇتىننىڭ ئوبرازىغىمۇ بەلگىلىك سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.
43 ياشلىق لىتۋىنېنكو 24-نويابىر كۈنى رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى فىنلاندىيىدە ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىشتىن بىر كۈنى بۇرۇن ئۆلگەن بولۇپ، ئۇ 2000-يىلى ئەنگىلىيىگە قېچىپ كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، دائىم رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
سابىق ك گ ب خادىمى لىتۋىنېنكو ئۆلۈشتىن بۇرۇن پۇتىننى ئەيىبلەيدىغان بايانات ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى فىنلاندىيىدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ سۆز تېمىسى بولغاندىن سىرت يەن پۇتىن غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلار
لىتۋىنېنكونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئەنگىلىيىنىڭ Guardian، " كۈندىلىك خەۋەرلەر" قاتارلىق تۈرلۈك ئاتاقلىق گېزىت-جۇرناللىرى لىتۋىنېنكونىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلغاندا ئۇنى پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن باغلىغاندىن سىرت يەنە پۇتىننىڭ قورال تۇتۇپ تۇرغان سۈرەتلىرىنى قوشۇپ باسقان. يەنە بەزى خەۋەرلەردە لىتۋىنېنكونىڭ رۇسىيە مەخپىي ئورگانلىرى تەييارلىغان ئەنگلىيىدىكى بىر قىسىم ۋلادىمىر پۇتىنغا قارشى رۇسىيىلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش تىزىملىكىدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىنغان.
سۈيقەستنىڭ يىپ ئۇچى
سابىق رۇسىيە كگب خادىمى ئالېكساندىر لىتۋىنېنكو زەھەرلىنىپ بالىنىستتا جىددىي قۇتۇلدۇرۇلۇش ئارقىلىق ھوشىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ زەھەرلىنىشكە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ 1-نويابىر كۈنى لوندوندىكى بىر رېستۇراندا ئىتالىيىلىك مەلۇم ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن تاماق يېگەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا يېقىندا چېچەن مەسىلىسىنى پاش قىلىپ ماقالە يازغان رۇسىيە ژۇرنالىستى ئاننا پولىتكوۋسكايانىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە ئائىت مۇھىم ماتېرىياللارنى بەرگەن. بىراق، بۇ ئادەم ئۇچرىشىش جەريانىدا ھېچ قانداق تاماق يېمىگەن ھەم ئەھۋالى بىراز جىددىي بولغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە باشقا ئىككى نەپەر رۇسىيىلىك بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر ئۇنىڭ ئۈچۈن تونۇش يەنە بىرى ناتونۇش ئادەم ئىكەن. ئۇ كىشى كرېمىل سارىيىنىڭ سابىق قوغدىغۇچىلىرىدىن ئىكەن. لىتۋىنېنكو شۇنىڭدىن كېيىن بىر سائەت ئۆتۈپ، ھوشسىزلىنىپ، دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتۇلدۇرۇلغان. نوۋەتتە، ئەنگىلىيە ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر ئۈچ كىشىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.
رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرى سۇيىقەستنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان
رۇسىيە ئاگەنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، كىرېمىل باياناتچىسى دمىترىي بىسكوف رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشقا قەتئىي ئارىلاشمايدۇ. دېگەن، رۇسىيە تاشقى ئاخبارات توپلاش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سېرگېي ئىۋانوپ 1959-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن ئۇكرائىنىيە مىللەتچىسى باندىرانى سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرگەندىن بۇيان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيىنىڭ مۇنداق ئىشلارنى قىلىشنى توختاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش كونا ئادەت
ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرى يەنە "باشقىلارنىڭ تۇپراقلىرىدا، باشقىلارنىڭ پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ياخشى بىلىدۇ" دەپ بۇ ۋەقەگە باھا بەرگەن.
تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ چەتئەل تۇپرىقىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان كىشىلەرنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشى كونا ئادەت بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى گراجدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە ستالىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە چەت ئەللەرگە قېچىپ كەتكەن سىياسىي ۋە ھەربىي ئەربابلار ئۆلتۈرۈلگەن. مەسىلەن، 1920-يىلى يەتتە سۇدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىگە قېچىپ كەلگەن ئاقلارنىڭ قوماندانلىرىدىن گېنېرال دۇتوپ ۋە باشقىلارمۇ سۇيدۈڭدە سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سابىق سوۋېت كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن تروتسكىي مېكسىكىدا سوۋېت ك گ ب خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان.
ھەتتا، ئۇيغۇرلار 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبەگ مۇنونوپ قاتارلىقلارنىڭمۇ ئايروپىلان ھادىسى دېگەن نام ئاستىدا ستالىن تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىشىدۇ. ( ئۈمىدۋار)