خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا


2007.05.08

يېقىندا كانادادا چىقىدىغان مەكلىنس Macleans ناملىق ھەپتىلىك سىياسىي ژورنالدا، " بېيجىڭ داۋاملىق نازارەت قىلىۋاتىدۇ" دېگەن تېمىدا چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

خىتاي جاسۇسلىرى ھەرىكەتتە

ماقالىدە، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىر تۇققان ئىنىسىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ھەر خىل بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچرىغاندىن سىرت، يېقىندا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

يېقىندا كانادا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، خىتاينىڭ كانادادا ئېلىپ بېرىۋاتقان جاسوسلۇق ھەركەتلىرى توغرىسىدا ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا ئېلىپ بارغان ھەر خىل بېسىملىرى شۇنىڭدەك جاسوسلۇق ھەركەتلىرى ئەتراپلىق تىلغا ئېلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۈر دوكلات تېخى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي يوسۇندا ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان ۋە بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەن.

ئارقا كۆرۈنۈشلەر

كانادادا چىقىدىغان مەكلىنىس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە سېلىۋاتقان بېسىملىرى، ھەر خىل تېلېفۇن، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نورمال كۈندىلىك تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈدىغان قىلمىشلىرى شۇنىڭدەك بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغان ئىش- ھەرىكەتلىرى، ھەتتا خىتاي ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرىنىڭ بەزى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا مەجبۇرىي سىياسىي سودا تەكلىپى سۇنۇپ، " ئەگەر بىزنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىمىزگە قاتناشسىڭىز، سىزنىڭ نۇرغۇن ئېھتىياجلىرىڭىزنى ھەل قىلىپ بېرىمىز " دېگەنلىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.

مەكلىنىس ژورنىلىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختىنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىسىنىڭ 2004 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى، قاغىلىقتىن قەشقەر بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇلارنى مەمەت توختىغا تېلېفۇن ئۇرغۇزغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەمەت توختى ئەپەندىگە قىلىنغان تەھدىت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ قېتىملىق تېلېفوندا يەنى 2004 ‏- يىلى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەمەت توختىنىڭ گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇش " يىغىنىغا قاتناشماسلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمىسە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بەرگەن مەمەت توختى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: " بېيجىڭ داۋاملىق نازارەت قىلىۋاتىدۇ " دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە ئېلان قىلىنغان پاكىتلار، كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئەينەن نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، دوكلاتتا يەنە، مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىر تۇققان ئىنىسىنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئىنىسىنىڭ " يوقاپ " كېتىش سىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى پەرزەنتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ " بۆلگۈنچىلىك" ۋە " باج ئوغرىلاش" جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئايرىم ‏- ئايرىم 7 يىللىق ھەمدە 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بۇ ئەھۋالنىڭ تامامەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.