خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ يېڭى تەدبىرى


2006.11.03

د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ يېقىندا ۋەتەندىن بىۋاستە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى چەتئەلدە ياشاپ، خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ياكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپلەردىن قوللاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېڭى بىر تەدبىرنى يولغا قويۇپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

بۇ تەدبىرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شۇ دۆلەت ھۆكۈمېتى بىلەن دېپلوماتىيە سۆھبىتىگە تايىنىپ ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن، چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ نامىدا، ئۆز پەرزەنتىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىش توغرۇلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇنغان ئىلتىماس شەكلىدە تەييار بىر ھۆججەت ھازىرلىغان. ھۆججەتتە، ئاتا – ئانىلار ئىمزا ئاتقان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى پەرزەنتىنى ئەكىلىپ بېرىشكە تېرىشىدىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

بۇ خىل ئەھۋالدىن خەۋىرى بولغان زىبىبۇللاھ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بىر سۈرە گۇۋاھچىلارنى ئەگەشتۈرپ كىرىپ، تەييار ھۆججەتكە ئىمزا ئېتىشقا دەۋەت قىلىش ھەرىكىتى ئاتا – ئانىلارنى چۆچۈتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى ئاتا – ئانىلار تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە رەت قىلىنغان. زىبىبۇللاھ ئەپەندى، بۇ ھادىسىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى تۇرسۇن ئەپەندى، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق بىر چارە قوللۇنىشىدىكى سەۋەپ ھەققىدە توختالدى. تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى تەدبىرىنىڭ مەقسىتى، يالغۇز چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنى پارچىلاش ۋە يېتىم قالدۇرۇش، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قارىتا توسالغۇ پەيدا قىلىش ھەم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى يالغانغا چىقىرىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالماستىن، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا، خىتاي قاچقۇنلىرىنى تىزگىنلەش ھەققىدە ئىشلىتىۋاتقان بېسىملىرىگە ئىجابىي جاۋاپ قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ خىل تەدبىرنى يالغۇز ئۇيغۇرلارغا تەدبىقلاش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈش مەقسىدىگە يەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدىن بىزار بولۇپ چەتئەلگە قېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەش مەقسىدىگە يېتىدىكەن. شۇنداقلا، چەتئەلدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنى چەتئەلنى يامانلاپ، خىتاينىڭ چەت دۆلەتلەردىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل گېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان مۇختەر تىلىۋالدى ۋە مۇسا ھاجىدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ئۇيغۇر، بۇ جەھەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلان غان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى تېلېفۇن سۆھبىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە ئىشلەشكە مەجبۇرلاش ۋەقەلىرىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغان. ۋەتەنگە زىيارەتكە بارغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەشكە كۆندۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ زىيارىتىگە ئىجازەت بېرىش يولىنى تۇتقان. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتكە قايىتقاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر خىتايغا مەلۇمات بېرىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىغا مەلۇم قىلىپ قويغان ۋە خىتاينى ئالداپ كەلگەن. بۇ سەۋەپتىنمۇ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش مەقسىدىگە يېتەلمىگەن. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي مۇجادىلىسى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە بارغانسىرى تىگىشلىك ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ھەم غەرب ئەللىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي قاچقۇنلىرىغا چەك قويۇش ھەققىدىكى بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىشتىن ئىبارەت بولغان. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.