گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى سۇ روڭ زامبىيەدە قاچاقتا
2004.11.23
خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگونىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ كېنىيە، زىمبابۇۋﯤ، زامبىيا، نىگىرىيەلەردىن ئىبارەت تۆت ئافرىقا دۆلىتىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەزاسى ۋە 40 تىن ئارتۇق مۇخبىرى بار ئىدى. "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇ باڭگونىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى زامبىيىغا كەلگەن. ئۆمەك ئەزالىرى زامبىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لۇپانتونىڭ ھەشەمەتلىك زىياپىتىدىن قايتىپ مىھمانخانىغا كەلگەندە، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى سۇروڭ ئەپەندى زامبىيا ئالى سوت مەھكىمىسى فالۇنگوڭچىلارنىڭ سوتقا سۇنغان شىكايىتىكە ئاساسەن ئەۋەتكەن چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇ كۈندىن باشلاپ سۇ روڭنىڭ پائالىيىتى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈنمەيدۇ.
زامبىيە ئالى سوتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى
گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى سۇ روڭ ۋۇ باڭگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئايرىلىپ زامبىيىدا قېپقالغانلىقى ئېنىق. چۈنكى، ۋۇ باڭگونىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى زامبىيىدىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتكە زىيارەتكە ماڭغاندا، زامبىيە چېگرىسىدىن چىققانلارنىڭ تىزىملىكىدە سۇ روڭ ئەپەندىنىڭ ئىسمى يوق. سۇ روڭ ئەپەندى زەمبىيانىڭ لۇساكا شەھرىدىكى تاج پاموزى دېگەن ئالى قاۋاقخانىدىكى ياتاق ئۆيىنى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچ سائەت 2 دە قايتۇرغان. دېمەك خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى زامبىيەدىن قايتقاندا سۇ روڭ بىللە ماڭمىغان.
"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ بايان قىلىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى سۇ روڭ زامبىيە ئالى سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۇچۇق سوتقا بارمىغانلىقى ئۈچۈن، زامبىيە ئالى سوت مەھكىمىسى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇنى "قانۇننى مەڭسىتمىگەنلىك" جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ھېسابلاپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، تاموژنىلارغىمۇ سۇ روڭنى چېگرىدىن چىقارماسلىقنى ئۇقتۇرغان.
خىتايدا قانۇنغا رىئايە قىلىپ باقمىغان ئەمەلدار چەتئەلدە قانۇن ئالدىدا
فالۇنگوڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى خەلقئارادا تەكشۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، سۇ روڭ 1948 - يىلى تۇغۇلغان. 1994 - يىلى جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى بولغان. 2001 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان. 2003 - يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ كەلمەكتە. سۇ روڭ جىلىندىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا فالۇنگوڭ مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، فالۇنگوڭچىلانى "ئۆزگەرتىش" ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.
سۇ روڭ فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇش جەھەتتە جاڭ زېمىن ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدارنىڭ بىرى. فالۇنگوڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى خەلقئارادا تەكشۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدا فالۇنگوڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى خەلقئارادا قايسى دۆلەتكە بارسا فالۇنگوڭچىلار شۇ دۆلەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سوت مەھكىمىلىرگە ئەرىز سۇنۇپ، ئۇلارنى سوتقا چاقىرتىپ تۇرماقتا. ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى ئوخشاش ئەمەس.
ئافرىقىدىكى زامبىيەنىڭ قانۇنىدا بەلگىلىنىشىچە، سوت مەھكىمىلىرى سوتقا چاقىرىش ۋە تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشتىن باشقا، تۇتۇش بۇيرۇقىدا نامى ئاتالغان كىشىلەرنى دۆلەت چېگرىسىدىن چىقارماسلىق توغرىسىدا تاموژنىلارغىمۇ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا خىتايدا فالۇنگوڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، قانۇنغا ھېچقاچان رىئايە باقمىغان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بۇ دۆلەتكە كەلگەندە سوتتىن قاچسا چېگرىدىن قاچالمايدۇ. ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرى گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى سۇ روڭنى ھازىر خىتايغا قايتىپ كېلەلمەي، چەتئەلدە چاشقانغا ئوخشاش يوشۇرۇنۇپ - قېچىپ يۈرمەكتە دەپ قارايدۇ.
خىتاينىڭ دۆلەت كومىسسارى چېن جىلىمۇ ھازىر تانزانىيىدە سوراق قىلىنماقتا
فالۇنگوڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى خەلقئارادا تەكشۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ سابىق مائارىپ مىنىستىرى، ھازىرقى دۆلەت كومىسسارى چېن جىلىنىڭ دېلوسىمۇ ھازىر تانزانىيە سوت مەھكىمىسىدە سورالماقتا. ئۇ بۇيىل 7 - ئايدا تانزانىيەنى زىيارەت قىلغاندا، تانزانىيە سوت مەھكىمىسى فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئەرىز -شىكايىتىگە ئاساسەن چېن جىلىنى "قىيىن - قىستاققا ئېلىش، "خارلاش" جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ تۇتۇپ قالغان ئىدى. (ۋەلى)