ئامېرىكا يەتتە خىتاي شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا بەردى
2005.01.18
بۇش ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پروگراممىسىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جازا بەردى.
ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ شىركەتلەرگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي جازا ئاساسلىقى بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا سودا قىلىشىنى چەكلەش ھەمدە ئۇلارغا ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىش ۋە ئامېرىكا تېخنىكىلىرىدىن پاتېنت ھوقۇقىنى ئېلىش كېنىشكىلىرىنى بەرمەسلىك قاتارلىقلار ئىكەن.
ئىراننىڭ قورال تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز
ئىران يادرو قوراللىرى پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنە توختاتمىسا، ھەربىي كۈچ بىلەن تەرەپ قىلىش يولىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمەن
ئاق ساراي باياناتچىسى سكوت ماكلېلان (Scott McClellan) مۇخبىرلارغا " بىز ئۇزۇندىن بېرى ئىراننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا ۋە يادرولۇق قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقىنىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداقلا ئىرانغا ياردەم قىلىۋاتقان شىركەتلەرگە بېرىلگەن بۇ قېتىملىق جازا ئارقىلىق، مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلالمايدۇ ھەمدە ئامېرىكا تېخنىكىلىرىمۇ بۇ شىركەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنمايدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ئەمما، سكوت ماكلىلان سۆزىدە بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زادى ئامېرىكىنى قايسى جەھەتلەردىن بۇنداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەسلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ جازانى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى چىقارغان بولۇپ، بۇ خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەزگۈر دىپلوماتىك مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
جازا بېرىش ئورۇنلۇق
ئامېرىكا ۋېك فورېست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، قورال كونترول قىلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى لى ۋېيچىن ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە خىتاي شىركەتلىرىنى مۇشۇ سەۋەبتىن جازالىغانلىقىنى ھەمدە ئىراننىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىشىنىڭ دۇنياغا تەھدىد بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئىران ۋە شىمالىي كورىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقانلىقى خېلىدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ دېققىتىنى تارتىپ كەلگەن. ئەگەر باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تېخىمۇ يىراق ۋە تېخىمۇ توغرا نىشانلىشىغا تۈرتكە بولسا، بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت بولىدۇ. شۇڭا ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەھدىت ھاسىل قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە مۇشۇنداق جازالار بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قورال تېخنىكىلىرىنى ئۇلارغا سېتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك."
جازانى چىڭايتىش كېرەك
ئامېرىكا جازالىغان بۇ يەتتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان ئىككى چوڭ سەددىچىن سېپىلى گۇرۇھى ۋە خىتاي شىمال سانائەت گۇرۇھى ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن كۆپ قېتىم جازالانغان بولۇپ، بۇ قېتىم بۇلاردىن سىرت يەنە، خىتاي ئاۋىئاتسىيە تېخنىكا ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى، بېيجىڭ خەيلى بىرلەشمە چەكلىك شىركىتى، خۇاچاڭتەي شىركىتى ۋە زىبو خىمىيە-سانائەت ئەسلىھەلىرى شىركىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە جازالانغان.
پروفېسسور لى ۋېيچىن ئەپەندى، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ جازانى چىڭ تۇتمىسا، بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەنىلا باشقا يوللار بىلەن ئامېرىكىدىن تېخنىكا سېتىۋېلىشى مۇمىكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئەلبەتتە باشقا يوللار بار. مەسىلەن، جازالانغان بۇ شىركەتلەر بەزى خوڭكوڭ شىركەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى خىتايلارنىڭ شىركەتلىرى ئارقىلىق سودا قىلىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىن يۇقىرى ھەربىي تېخنىكىلارنى سېتىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك دائىرىدە كونترول قىلىشىغا باغلىق."
خىتاي: ئامېرىكىنىڭ بايانلىرى پاكىتسىز
ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۇەن دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ شىركەتلەر ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ پاكىتسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەرقاچان كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىغا قارشى مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا چىقارغان بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە گەرچە كۆپ قېتىم ۋەدە بەرسىمۇ، ئەمما يادرو قورال تېخنىكىلىرىنىڭ تارىلىشىنى يەنىلا ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنمايۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا نبچ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، " مەن بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى خالايمەن، ئەمما ئىران يادرو قوراللىرى پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنە توختاتمىسا، ھەربىي كۈچ بىلەن تەرەپ قىلىش يولىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمەن" دەپ بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- خىتاي ئۇكرائىنىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ قورال خېرىدارىغا ئايلاندى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قورال ساتقانلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە "كۆپ خىل ئارمىيە ھەمكارلىشىپ، جەڭ قىلىش ئۇسۇلى" ناملىق مانىۋېر ئۆتكۈزىلىدىكەن
- ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا تۇتقان سودا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى