ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ جەمئىيەت كونتروللىقى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى


2005.04.18
CHINA-INTERNET-POLICE-200.jpg
2002-يىلى ئىيۇلدا، خىتاي ساقچىسى بىر تورخانىنى تەكشېرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىنتېرنېتنى توسۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ ئەركىن تورغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. AFP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق "ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كومىتېتى" ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتنى كونترول قىلىش تۈزۈمى ۋە ۋاسىتىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، خىتايدىكى كۈنسېرى ئېچىۋېتىلگەن ئەركىن بازار ئىگىلىكى، خىتايدا سىياسىي ئەركىنلىككە يول ئاچامدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق قىلىپ مەتبۇئاتلار ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەلق رايىنى يىتەكلەۋاتىدۇ؟ ھەمدە بۇ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى.

ھېچقانداق ئىش بەدەل تۆلەنمەي يۈز بېرىپ قالمايدۇ

ئامېرىكا ئورىگىن شتاتىدىن سايلانغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەيۋىد ۋۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتايغا " مەڭگۈ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت" ئىمتىيازىنى بەرگەندە، ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكىلەر 'خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەركىنلىشىشى سىياسىي ئەركىنلىككە يول ئاچىدۇ' دېگەن قاراشنى تەرغىپ قىلغانلىقىنى، بىراق بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇ دۇنيادا ھېچقانداق ئىش بەدەل تۆلەنمەيلا ئۆزلىكىدىن يۈز بېرىپ قالمايدۇ. بىر ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمەت كاپىتالىستىك تۈزۈمگە ئىگە بولۇشى تامامەن مۇمكىن. مېنىڭ مەزكۇر كومىتېتقا بىلدۈرمەكچى بولغىنىم، ئۆتكەنكى ئەسىردىكى كۈرەش دېموكراتىيە بىلەن فاشىزم، كوممۇنىزم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولغان. بىز بۇ كۈرەشتە يېڭىپ چىقتۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بىز دېموكراتىيە چوقۇم ئۆزلىكىدىن غەلىبە قىلىدۇ دەپ قارىغىنىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە كۈچىمىز بىلەن تەۋرەنمەستىن ئىشەنچىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىمىزدىن بولدى."

بىز چوقۇم قەتئىي بوشاشماستىن، ئەركىنلىك، ئېچىۋېتىش ۋە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش قاتارلىق تۈپكى دۇنيا قاراشلارنى قوللىشىمىز كېرەك.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەيۋىد ۋۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىنگاپور ۋە مالايسىياغا ئوخشاش كاپىتالىستىك تۈزۈمدىكى بازار ئىگىلىكى بىلەن ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانلىق شەكلىنى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا چوقۇم ئىنتېرنېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوللىنىشقا بولىدىغان ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى كېرەك. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىلا خىتاينى ئۆزگەرتەلمەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكا چوقۇم خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغلىشىدىغان كۈچلەرنى قوللاپ، خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆزگىرىشىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك.

ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللىقىغا شېرىك بولىۋاتىدۇ

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان يەنە بىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئىندىئاننا شىتاتىدىن سايلانغان دەن بېرتىن، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم بارلىق ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋە ھەر قانداق جايدا دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى، پۈتۈن دۇنيانى قاپلاۋاتقان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئېقىمىنى توسىيالمايدىكەن.

بۇ دۇنيادا ھېچقانداق ئىش بەدەل تۆلەنمەيلا ئۆزلىكىدىن يۈز بېرىپ قالمايدۇ.

ئەمما ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەن بېرتىن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللىقىنى كۈچەيتىشىگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇنچە كەڭ دائىرىدىكى خەت- چەكلەرنى تەكشۈرەلىشى ئانچە ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئەمما Google ۋە Cisco غا ئوخشاش ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ، خىتايدىكى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا شېرىك بولۇشى، كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ"

خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىلگىرىلىدى، سىياسىي ئىسلاھاتتا ئارقىدا قالدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۇزېن ئوسلىۋېن خانىم ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، بولۇپمۇ سۆز ئەركىنلىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

"گەرچە ئۆتكەنكى 20 يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تېز ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، بىراق سىياسىي ئىسلاھات جەھەتتە تولىمۇ كەينىدە قالدى. خىتايدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىدىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە تىرىشقان پۇقرالارنى باستۇرۇش يەنىلا سېستىملىق مەسىلە بولماقتا. بىز ئىلگىرى خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى خىتاينىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ سۆز ئەركىنلىكى بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق. بىراق، بۇ ئۈمىدلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى."

ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇرنىڭ خىتايغا ئەركىن ئېقىپ كىرىشى مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىنتىلىۋاتقان كۈچلەرنى قوللاش كېرەك

ئىسپات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور رىچارد بائۇم، خىتايدا نۆۋەتتە بىر پارتىيە ھاكىممۇتلەق تۈزۈم بولسىمۇ، بىراق پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىنتىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بىخ سۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم خەلق ئىچىدىكى بۇ خىل تەرەققىياتلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

"خىتاينىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ زورىيىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم سەۋرىچانلىق بىلەن تەييارلىق كۆرۈپ، يىراقنى كۆزلىگەن ھالدا بۇ خىل پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىنتىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بىخلىرىنى تەربىيىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز چوقۇم قەتئىي بوشاشماستىن، ئەركىنلىك، ئېچىۋېتىش ۋە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش قاتارلىق تۈپكى دۇنيا قاراشلارنى قوللىشىمىز كېرەك"

مەزكۇر خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بېسىم ۋە مەجبۇرلاش بىلەنلا ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلمايدىكەن. بۇ دىگەنلىك ئامېرىكا چوقۇم ھەمكارلىشىدىغان ۋاقىتتا خىتاي بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، رىقابەتلەشمىسە بولمايدىغان ۋەزىيەتتە رىقابەتلىشىدىغان بىر خىل ئۇزۇن يىللىق سىياسەت قوللىشىنىشقا تەييارلىق كۆرىشى كېرەك ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.