0:00 / 0:00
ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرنىڭ، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرىپ، قانۇنلۇق بىر جەمئىيەت قاتارىدا ئەنگە ئېلىندى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى جەمئىيەتنىڭ رەسمىي يوسۇندا قۇرۇلغانلىقى جاكارلىدى.
ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان كېرىموف، باش كاتىپى ئىليار پەخىردىن ۋە ئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئىبراھىم ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر جەمىيەت ھەققىدە توختالدى.