ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى، نۆۋەتتە ئىككى مىليون ئەتراپىدا تۇراقلىق نوپۇسقا ئىگە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئاساسلىق نوپۇسى خىتايلار بولغاندىن سىرت، بۇ شەھەردىكى تۇراقسىز نوپۇسنىڭمۇ كۆپىنچىسى خىتايلار ئىگىلەيدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئۈرۈمچى ساقچى تارماقلىرى، ئۈرۈمچىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا ئاقما نوپۇسلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ يەنىلا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ستاتىستىكىلاردىن بولۇپمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش ۋەھشى ھەم قەبىھ دېلولارنىڭ 50٪ تىنىڭ مۇشۇنداق ئاقما نوپۇسلار ئىجارە ئالغان ئۆيلەردە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.