قورامىغا يەتمەي "چوڭ بولغان" قىز ئوقۇغۇچىلار مەسىلىلىرىگە نەزەر
2006.08.22
نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ھەمدە جىنسىي ساغلاملىقى مەسىلىسىنى ئالدىنقى قاتارغا قويماقتا. ئىستاتېستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە نۆۋەتتە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن رەسمىي يېتىلىشى 70 - يىللارغا باققاندا تۆت، بەش ياش ئىلگىرى بولماقتا ئىكەن. دېمەك ئىلگىرى بىر بالىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىشى 18 ياش دەپ قارالغان بولسا نۆۋەتتە 12، 13 ياش دەپ مۆلچەرلەشكە توغرا كېلىدىكەن.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ قورامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ئېغىر ئاياغ بولۇش ھادىسىسىمۇ پۈتۈن دۇنيا جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئومۇمىي يۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان. دۇنيا سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىشىچە ھەر يىلى دۇنيادا 140 مىليون قورامىغا يەتمىگەن ياش قىزلار ئانا بولىدۇ، 4 يېرىم مىليونغا يېقىن قورامىغا يەتمىگەن قىزلار بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدۇ.
بالا تۇرۇپ ئانا بولۇش سېپىگە قېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپەيمەكتە
ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ مانا بۇ سانلارنىڭ ئىچىدە. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ قورامىغا يەتمەي تۇرۇپ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش ياكى بالا تۇرۇپ ئانا بولۇش سېپىگە قېتىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
بەزى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ مەسىلىسى خېلى ئېغىر بولغاندىن سىرت ئېغىر ئاياغ بولۇپ قېلىش ۋە ئاتا ئانىلىرىغا بىلدۈرمەي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ كۆرۈلمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە شەخسى دوختۇرخانىلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىلىرىنىڭ بارغانچە ئاددىيلىشىش ھەمدە تېخنىكا جەھەتتىن ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىلگەنلىكى قاتارلىقلار، بۇ مەسىلە ئۇچۇرغان بالىلاردىمۇ بىپەرۋالىق پەيدا قىلغان، ھەمدە ئۇلارغا ئاسانلىق ياراتقان.
جەمئىيەت مەسىلىسى
گەرچە بۇ مەسىلە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكىدەك ۋە ياكى خىتاي جەمىيىتىدىكىدەك ئېغىر بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقمىغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا مەۋجۇت بىر مەسىلىگە ئايلانغان. شۇنداقلا تېخى يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش، ۋاقىتلىق ھىسسىياتقا بېرىلىش، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ سۇس بولىشى سەۋەبلىك كېلىپ بالىلارنىڭ جىسمانىي ھەمدە روھىي جەھەتتىن ئېغىر پاجىئەلەرگە يولۇقۇپ قىلىۋاتقانلىقى ئاتا ئانىلارنى ئەندىشىگە سالغان.
ئۇلار مەزكۇر مەسىلىلەرنى ئەخلاقى پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ كەمچىللىكى مەسىلىسى، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنلىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ۋە مىللىي ئەخلاق قارشىنىڭ تۆۋەنلىشى، جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بىردەك سۇس قارىشى قاتارلىقلار بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
ئاتا ئانىلار ھەمدە مائارىپچى ھەمدە بىر قىسىم زىيالىيلاردا مۇلاھىزە قوزغىغان مەزكۇر مەسىلىگە رادىئومىزدىمۇ ئورۇن بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق ۋە بۇ پەۋقۇلئاددە مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ھەم تەسىرلىرى ھەققىدە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان، كەسپىي ئادۋوكات ئىمىنجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەپسىلى مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رېستورانلاردىكى ئىسراپچىلىقنىڭ ئارقىسىدا ...
- ئۇيغۇر ئىلىدە مېيىپلار نامرات تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە
- 25 نەپەر ئۇيغۇر ئايال زەھەر يۆتكەش جەريانىدا بىراقلا تۇتۇلدى
- ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە خەلقئارانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج
- ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار پاراۋانلىق مەسىلىلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر
- ئۇيغۇر ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە شىكايەت قىلدى
- خىتايدا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىسىمۇ بۇزۇپ تاشلانغان
- كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەب بولماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى يەنىمۇ ئېغىرلىماقتا
- خىتايدا ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج