يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسى ئومۇمى خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ

يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي سۇدان رايونى خارتۇم ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش ياكى بىر ئاپتونوم رايون سۈپىتىدە سۇداننىڭ تەركىبىدە قېلىشقا ئومۇمى خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق قارار بېرىدۇ. ئەگەر جەنۇبىي سۇدان خەلقى مۇستەقىل بىر دۆلەتتە ياشاش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، 2011-يىلىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە، دۇنياغا يېڭى بىر دۆلەت كۆز ئاچىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل
2011.01.07
sudan-prezidenti-omer-al-beshir-305.jpg سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئال-بەشىر كھارتوۇمنىگ كوچىسىدا چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن. 2009-يىلى 4-مارت.
AFP

مۇتەخەسسىسلەر مۇتلەق كۆپ ساندىكى جەنۇبىي سۇدانلىقنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. جەنۇبىي سۇدان شۇ تاپتا تېخى قۇرۇلمىغان دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشىنىمۇ بېكىتىپ بولدى. جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا 22 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلگەن، 2005-يىلىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى ئۇرۇش توختىتىش شەرتى بىلەن جەنۇبىي سۇدان خەلقىگە مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلغانىدى. بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشتا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ۋە مىليوندىن ئوشۇق جەنۇبىي سۇدانلىق يۇرتلىرىنى تاشلاپ، ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر بولغانىدى.

سۇداننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىقنى قورال كۈچى بىلەن ئەمەس، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئىرادىسى كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالاندى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنكې كاننوننىڭ، جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشىنى تارىخى ۋەقە دەپ تەرىپلىگەن باياناتىدا، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى بولغان بۇ نازۇك باسقۇچنى قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ:"كانادا ھۆكۈمىتى سۇداندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بىز سۇدان ھۆكۈمىتى ۋە جەنۇبىي سۇداندىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،"دېيىلگەن.

ئۇنىڭ باياناتىدا يەنە، بېلەت تاشلاشنىڭ ئادىل ۋە ئەركىن بىر مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا ئىككى تەرەپتىن جەنۇبىي سۇدان خەلقىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان. جەنۇبىي سۇداندىكى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى قاتنىشىش نىسبىتى 90% تىن يۇقىرى بولغان ۋە مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسى يۈزدە 60 نىڭ ئۈستىدە ئاۋازغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

سۇدان ئافرىقىدا نېگىرىيە ۋە ئانگولادىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ نېفىت دۆلىتى بولۇپ،نېفىت مەنبەلىرىنىڭ 85 % دىن كۆپرەكى جەنۇبىي سۇداندا بولسىمۇ، لېكىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان سانائەت ئەسلىھەلەر ۋە ئېكسپورت قىلىنغان نېفىتنى يۆتكەيدىغان پورت قاتارلىقلار شىمالىي سۇدانغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبنىڭ خامچوت كىرىملىرىنىڭ 98 % ئى نېفىتتىن كېلىدۇ.

شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر شىمالىي سۇداننىڭ قولىدىكى بۇ كوزوردىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان جەنۇبنىڭ نېفىت ئېكىسپورتىغا يول قويماسلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. لېكىن، سۇدان مۇتەخەسسىسى بېرىك سېللىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن بىر ‏- بىرىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، شىمالىي سۇداننىڭ قولىدىكى بۇ ئىمكانىيەت ئارقىلىق جەنۇبىي سۇداننىڭ نېفىت كىرىملىرىدىن مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىنى، بۇ نازۇك مۇناسىۋەتنىڭ ئىككى دۆلەتكە تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

2005-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن ۋە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە،خېلى كەڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان جەنۇبىي سۇدان، مەزكۇر رايوندىن چىقىدىغان تەبىئىي بايلىقلاردىن كىرىدىغان كىرىمنىڭ 50% گە ئېرىشكەنىدى. سۇداننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي سۇداندىكى نېفىت ساھەلىرىگە زور مىقداردا مەبلەغ سالغان بولۇپ، سۇدان دائىرىلىرىمۇ ئىشلەپچىقارغان نېفىتنىڭ ئۇچتەن ئىككىسىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىپ كەلگەنىدى. نېفىتلىكلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى سۇدان دائىرىلىرىدىن بۇ رايوندا قۇرۇلىدىغان يېڭى دۆلەتنىڭ قولىغا ئۆتسە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى نېفىت كونتروللۇقى ھوقۇقى تەھدىتكە ئۇچرىشىنى ياكى بۇ ھوقۇق باشقا قوللارغا ئۆتۈش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن كېلىدىغان تەھدىتلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يېڭى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرگە كۆرسىتىدىغان سىياسىي تەسىرىدۇر. سۇدان دائىرىلىرى جەنۇبىي سۇداننىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىشىدىن رازى بولمىسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى تۈپەيلىدىن باشقا ئامال-چارىسىمۇ قالمىغاندەك ۋە مۇستەقىل دۆلەت مۇمكىنچىلىكىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلغاندەك قىلىدۇ.

ئۆمەر بېشىر ئالدىنقى كۈنىدىكى سۆزىدە، جەنۇبىي سۇدان خەلقىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: سۇداننىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى كىشىنى پەرىشان قىلىدۇ. لېكىن، ئومۇمى خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بىر دۆلەت ۋۇجۇدقا چىقسا، يەنە كېلىپ بۇ سۇداننىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە ھەقىقىي تىنچلىق ئېلىپ كەلسە، ئۇنى تۇنجى بولۇپ سۇدان ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ھۆكۈمىتىمىز يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان بۇ دۆلەتكە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىدۇ دېدى.

1989-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن سۇداننىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالغان بېشىر دارفۇردىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن 300 مىڭ كىشىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، 2008-يىلى خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانىدى. ئەگەر ئۇ راستىنىلا جەنۇبىي سۇدان خەلقىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ، ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدىنمۇ قۇتۇلۇشى، ھەتتا يەنە، خەلقنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلغان رەھبەر دەپ تەرىپلىنىشى مۇمكىن.

جەنۇبىي سۇداندىكى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە 5 مىليون ئەتراپىدا ئادەمنىڭ بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. يەر كۆلىمى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيىلەرنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانىدىن چوڭ بولغان جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى خرىستىئان، شىمالىي سۇداننىڭ بولسا مۇسۇلمان بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە تەرەپلەردىن بىر ‏- بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. جەنۇبىي سۇداننىڭ غەرب دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدە دىن ئامىلىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. ئەگەر جەنۇبىي سۇدان ئومۇمى خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش يولى ئارقىلىق مۇستەقىل بىر دۆلىتىنى قۇرسا، بۇ دۇنيادىكى مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى باشقا خەلقلەر ۋە رايونلارغا ئىلھام بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.