"مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن كابىنېتى بۈگۈن قاتناش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى تەستىقلاپ، جاڭ كەيشى نامىدىكى خەلقئارالىق ئايرودرومنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن. نامى ئۆزگەرتىلگەن بۇ خەلقئارالىق ئايرودروم تەيبېي شەھىرىنىڭ تاۋيۇەن ناھىيىسىدە بولۇپ، ئۇ 1979 - يىلى بىنا قىلىنىشقا باشلىغاندىلا گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن جاڭ كەيشىنىڭ نامى بىلەن "جوڭجېڭ ئايرودرومى" دەپ ئاتالغان ئىكەن. ئەمدى بۇ ئايرودروم جاڭ كەيشىنىڭ نامى بىلەن ئەمەس، بەلكى تەيۋەن زېمىنىدىكى بىر يۇرتنىڭ نامى بىلەن " تاۋيۇەن ئايرودرومى" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خەلقئارالىق ئايرودرومنىڭ قىسقارتىلما نامى TPE .
ئۆكتىچىلەر "بۇ مىنجىنداڭنىڭ ئىرادىسى" دەيدۇ
"ب ب س" نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشنى گەرچە تەيۋەن دائىرىلىرى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن بولدى، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنى تەيۋەننى مۇستەقىل قىلماقچى بولۇۋاتقان مىنجىنداڭ پارتيىىسنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، دەۋاتىدۇ. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەندە خەلقئارالىق ئايرودرومنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بۇ تەستىق ھازىر 2000 -يىلى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەيۋەندە ئاياغلاشقاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جاڭ كەيشىنىڭ ئوبرازىنى دۆلەت ئورگانلىرىدىن ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىدىن يوق قىلىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
چېن شۇيبيەن پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن جاڭ كەيشىنىڭ ئوبرازى يوق قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ كەيشىنىڭ تەسىرىگە قانداق باھا بېرىش تەيۋەندە ئۇزۇندىن بۇيان تالاش -تارتىشتا تۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، جاڭ كەيشى 1949 - يىلى گومىنداڭنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن تەيۋەنگە قېچىپ كېلىپ، بۇ ئارالغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۇ يەرلىك تەيۋەن خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. 2000 - يىلى چېن شۇيبيەن تەيۋەنگە پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، مەكتەپلەردە، باغچا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىدا جاڭ كەيشىنىڭ ئوبرازى يوق قىلىنىشقا باشلىدى. بۇيىل ھەربىي لاگىرلاردىمۇ جاڭ كەيشىنىڭ ئوبرازى ئېلىپ تاشلاندى. تەيبېي شەھىرىنىڭ تاۋيۇەن ناھىيىسىدىكى خەلقئارالىق ئايرودروم تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق قۇۋۇقى بولغان ئاساسلىق ئايرودرومى بولۇپ، ئەمدى بۇ ئايرودرومنىڭ نامى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، قىسقىسى، تەيۋەنگە قايتا كەلگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ نەگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۆكتىچىلەر ھازىر چېن شۇيبيەننى يىقىتىش ھەرىكىتى قوزغاۋاتىدۇ
"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ھازىر ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت چېن شۇيبيەننى يىقىتىش ھەرىكىتىنى قوزغاۋاتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چېن شۇيبيەننى يىقىتىش ئۈچۈن چوڭ كۆلەملىك جىم ئولتۇرۇش كۈرىشى باشلىنىدىكەن. ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆز -ھەرىكەتلىرى يېشىلچىلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، ئۇلارمۇ چېن شۇيبيەننى قوللاش ئۈچۈن نامايىش قىلىشقا تەييارلانماقتا.
چېن شۇيبيەن: تەيۋەن كوممۇنىست خىتايغا قايتارما ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە
"مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن ھازىر جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئارقىلىق تەيۋەننىڭ ئىتىپاقداشلىرىنى تارتىپ كېتىش، تەيۋەننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بوشلۇقىنى توسۇش ياكى يوق قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە "ھازىر تەيۋەندە چىقىۋاتقان قالايمىقانچىلىق دەۋرگە ماسلاشقان، تەيۋەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر ئاساسىي قانۇننىڭ يوقلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. مانا ھازىر تەيۋەندە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى" دېگەن. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە " كوممۇنىست خىتاي 2001 - يىلىدىلا تەيۋەنگە ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە تەيۋەنمۇ ئۇنىڭغا قايتارما ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە" دېگەن.
تەيۋەندە كىشىلەر " كوممۇنىست" دېگەن ئاتاققا قېلىشتىن نۇمۇس قىلىدۇ
تەيۋەندە چىقىدىغان "ئالما گېزىتى" نىڭ 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى سانىدا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتايدا "جۇڭگولۇق" ، "كوممۇنىست" ، "قىزىل" دېگەن ئاتالغۇلارغا ئىگە بولۇش شەرەپلىك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما تەيۋەندە كىشىلەر ھازىر بۇنداق ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىشنى ھاقارەت دەپ قارايدۇ. تەيۋەنلىكلەر ئادەتتە " قارا چاپلىدى" دېگەن سۆزنى ھازىر "قىزىل چاپلىدى" دەپ ئاتايدىغان بولدى. ئەگەر بىركىم "كوممۇنىست" ياكى "جۇڭگولۇق" دېگەن ئاتاققا قالسا ياكى "قىزىل چاپلانغان" بولسا، ئۇنى ئىنتايىن ئېغىر ئالىدۇ . ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن تېلېۋىزوردا ما يىڭجيۇ ئەپەندىگە قارىتا قىلىنغان بەزى "ياپتا گەپ" لەر بولغان ئىكەن. مايىڭجيۇ ئۇنى "ماڭا قىزىل چاپلىدى" دەپ سوتقا ئەرز قىلغاندا، سوت مەھكىسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر مۇدىرىغا "قىزىل چاپلاش گۇناھى سادىر قىلغان" دەپ ھۈكۈم چىقىرىپ ، ئۇنى تۆلەم بېرىش ۋە ناماقۇل بولۇشقا بۇيرىغان. ھازىر تەيۋەندە ئاساسسىز "قىزىل چاپلاش" كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە ، تەيۋەندە ھازىر يەنە بىر ئۆزگىرىش باركى، ئۇ بولسىمۇ تەيۋەندە ھازىر كىشىلەرنى "ئامېرىكان" ياكى "ياپون" دەپ ئاتاشنىڭ ھاقارەت مەنىسى يوق. كىشىلەر لى دېڭخۇينى "ياپون" دەپ ئاتىسا ئۇ خوش بولىدۇ. تەيۋەندە كىشىلەر ھازىر " كوممۇنىست خىتايغا يېقىن" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتاققا قالمىسىلا ئۆز -ئارا خاپىلىشىپ قالمايدۇ. (ۋەلى)