جاڭ زېمىن، كېلەر يىلى باھاردا دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەكچى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، 2004 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېچىلغان 10 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - قېتىملىق يىغىنىدا، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى 2005 -يىلى 3 -ئاينىڭ 5 -كۈنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان .

خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە يەنە، جاڭ زېمىننىڭ دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى ۋە يېڭىدىن مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا رەئىس بولىدىغان نامزات بىلەن ۋە باشقا ئەزالىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى كۆزدىن كۆچۈرۈپ تەستىقلايدىكەن.

بۇ يىل 9 -ئايدا 16 - نۆۋەتلىك خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4 -ئومۇمىي يىغىنىدا، جاڭ زېمىننىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش تەلىپى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، شۇنداقلا بۇ ۋەزىپىگە خۇ جىنتاۋنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مۆرچەرلەشلەرگە قارىغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كېلەر يىلى 3 -ئايدا جاڭ زېمىننىڭ ۋەزىپىدىن ئىستىپا بېرىش تەلىۋىنى تەستىقلايدىكەن.

جاڭ زېمىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى، پارتىيە مەركىزى كومىتېت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە شۇنىڭدەك دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ، ئالدىنقى ئۈچ ۋەزىپىسىنى ھازىرقى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئاللىقاچان ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئوبزورلاردا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتى نامدا ئىككى خىل ئاتاق بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسى تەڭ دەرىجىلىك ئورگان ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغان جاڭ زېمىن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسلىكىدىنمۇ تەڭ ئىستىپا بېرىشى كېرەك.

سىنگاپور دۆلەت ئۇنۋەرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى "78 ياشلىق جاڭ زېمىننىڭ دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەننىڭ ھىچقانچىلىك چوڭ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى جاڭ زېمىن بىر سىياسىي شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدا يەنىلا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەسىرى خىتاينىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان دىڭ شاۋپىڭچىلىك بولمايدۇ" دەپ تەھلىل قىلغان.

جاڭ زېمىن، 1989 - يىلى "4 - ئىيۇن" ۋەقەسىدىن كېيىن شاڭخەيدىن مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يۆتكەپ كېلىنگەن ۋە شۇندىن ئېتىبارەن خىتايدا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەڭ ھوقۇقلۇق بىر ئادەمگە ئايلانغان.

بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، جاڭ زېمىنگە مۇنداق باھا بېرىدۇ: جاڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ھەربىي قىسىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، دىپلوماتىيە يوللىرىنى ئېچىش، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدە رول ئوينىدى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى جاڭ زېمىننىڭ ئورۇن باسارى خۇ جىنتاۋغا بولسا مۇنداق باھا بېرىدۇ: خۇ جىنتاۋمۇ ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇش، بايلار بىلەن كەمبەغەللەرنىڭ پەرقىنى ئازايتىشنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بىرىنچى يىلىدىلا "دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتاۋىنى" ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. (ئەقىدە)