شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ياشلىرىنى "ئىلاھ" ياساپ چوقۇنۇشقا سەپەرۋەر قىلماقتا

0:00 / 0:00

خۇجىنتاۋ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى يېقىندا "جاڭ زېمىن ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى"نى قوزغاشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ھەرىكەت ھازىر خىتاي رايونلىرىغا قارىغاندا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا تېخىمۇ مەجبۇرىي شەكىلدە سىياسىي ۋەزىپە دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ يولغا قويۇلماقتا.

يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان "ئىلاھ"

"تەڭرىتاغ تور بېتى"دە ئېلان قىلىنغان بىر تەپسىلى خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنچۇەن 8 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر چوڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، يېزىلاردا جاڭ زېمىن ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى قوزغاشنى ياشلارنىڭ سىياسى ۋەزىپىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ جاڭ زېمىننى ماركس، لېنىن، ماۋزېدوڭ، دېڭ شاۋپىڭلار بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ مەدھىيىلىگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزالىرى سۆز قىلىپ، جاڭ زېمىن ئەسەرلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەندە ئاندىن خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تولۇپ -تاشقان ئىشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؛ جاڭ زېمىن ئىدىيىسىنى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەۋرىدىن باشلاپ ئۆگىنىپ ئۆزىگە سىڭدۈرگەندە، ئاندىن تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلالايدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، جاڭ زېمىننى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن "ئىلاھ" قىلىپ تىكلەشكە باشلىغان.

قىزىل سەھنىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئىلاھ ياساش ھەرىكىتى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزۈتۈش ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە خىتايدا قوزغىتىلىۋاتقان جاڭ زېمىن ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى "قىزىل سەھنىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئىلاھ ياساش ھەرىكىتى" دەپ ئاتىغان. غەرب ئەللىرىنى كىشىلەر خرىستىيان دۆلىتى دەپ ئاتايدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت خەلقنى "ئىنجىل" نى ئوقۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ. غەرب ئەللىرىدە ئىنجىلنى ئوقۇش-ئوقۇماسلىق، دىنغا ئېتىقات قىلىش -قىلماسلىق ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، ‏-‏-‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ "قىزىل سەھنىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئىلاھ ياساش ھەرىكىتى" دېگەن ئوبزوردا، ‏-‏-‏-‏- خىتايدا ھۆكۈمەت ئۇچۇق قانۇن-بەلگىلىمە خەلقنىڭ دىنى ئېتىقات ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ. لېكىن ماۋزېدۇڭنىڭ كىتابلىرىنى ھېچقاچان چەكلەپ باقمىدى. بەلكى ھۆكۈمەت ماۋزېدۇڭنىڭ كىتابلىرىدىن ھەر بىر ئادەمگە ئاز دېگەندە بىرنى مەجبۇرىي ساتىدۇ. خىتايدا ھەر بىر ئادەمدە ماۋزېدۇڭنىڭ كىتابىدىن باشقا ھېچنىمە قالمىغان نامرات كۈنلەرمۇ بولغان. بۇنداق بالايى -ئاپەت 10 يىل داۋام قىلغاندىن كېيىن، خەلق ئاخىر ماۋزېدوڭنى ئىلاھلىق تەختىدىن چۈشۈرىۋېتىپ ئاندى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھوقۇق تۇتقان دېڭ شاۋپىڭ گەرچە خۇددى ماۋزېدوڭغا ئوخشاش "ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش"نى تەكىتلەپ، ئۆزىنى ئىلاھ قاتارىغا قويۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇ مۇقامغا يېتەلمىدى. ئەمدى جاڭ زېمىن ئۆزىنى ماركس، لېنىن، ماۋزېدوڭ، دېڭ شاۋپىڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىدىيىسىنى يۇقۇرى پەللىگە يەتكۈزگەن، دەپ دەۋا قىلىپ، ئۆزىنى ئىلاھلىق مۇقامىغا يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر جاڭ زېمىن ھازىر ئۆزىنى ئىلاھ قىلىپ ياساپ چىقمىسا، خەلق ئۇنى خىيانەتچىلىك -چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغان، نەپەس مەشقى قىلىشنى ئەكسىيەتچى دىن دەپ باستۇرغان، خەلقئارادىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرغان ... دەپ، ئۇنىڭدىن ھېساب ئالماي قويمايدۇ. شۇڭلاشقا جاڭ زېمىن ھازىر بۇ ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتايدا يەنە بىر قېتىملىق ئىلاھ ياساش ھەرىكىتىنى قوزغاۋاتىدۇ. ئەمما خەلق ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان كىشىنىڭ خەلققە ئۆزىنى "ئىلاھ" دەپ ئېتىراپ قىلدۇرالىشى ئاسان ئەمەس.

چەتئەل مەتبۇئاتىدا

غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا جاڭ زېمىننى ئىلاھىيلاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس. "ئىقتىسادشۇناس" ھەپتىلىك گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن خىتايغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان 1990 ‏- يىللاردا، خىتايدا ئومۇم خەلق مەھسۇلات قىممتى يۇقۇرى ئۆرلىمىگەن ئىدى. جاڭ زېمىن "مائارىپ ئىسلاھاتى" ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مەيلى ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەر بولسۇن ياكى شەخسى مەكتەپلەر بولسۇن، ئوقۇش راسخوتى يۇقۇرى ئۆزلەپ كېتىپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي سېلىقى ئېغىرلاپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت مەكتەپ مەسىلىسىدە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدى. "مۇستەقىللىق گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا نەسلى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش كىنىشكىسىنى خەلقئاراغا سېتىش جاڭ زېمىن دەۋرىدە يولغا قويۇلغان ئىدى. ھازىر شەنشى، چىڭخەي، نىڭشا، شىنجاڭلاردا نەسلى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. بۇ ھازىر خىتايدا ئەۋج ئالغان زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى، قورال -ياراق تىجارىتىگە قوشۇلۇپ 3 چوڭ قانۇنسىز تىجارەت بولۇپ قالدى. (ۋەلى)