جاڭ چىڭلى كىم؟
شەندۇڭلۇق جاڭ چىڭلى 1979 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىدا خىزمەت قىلىپ، 1986 - يىلى شەندوڭ دۇڭيىن شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. 1998 - يىلى ئۇ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1999 - يىلى جاڭ چىڭلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈئەنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ كونا سەپدىشىنى تىبەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، ئۇنىڭ سىياسىي ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتۈرگەن.
ئەمما ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق، ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئالمىشىشىغا دىققەت قىلىۋاتقان ھەمدە بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچى گاڭ شىن ئەپەندى، جاڭ چىڭلىنىڭ ئۆسىشىنىڭ بۇ قېتىم تىبەتكە تەيىنلىنىشىدىن باشلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى:
"جاڭ چىڭلى تىبەتكە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇنلا، ئۆلكە دەرىجلىككە ئۆستۈرۈلۈپ بولغان. تىبەت شۇنچىلىك مۇھىم بولغاچقا، خۇجىنتاۋ ئۇنى تاللاپ، بۇنى تاللاپ ئاخىرى يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك بىرسىنى قويۇشنى توغرا تاپتى. ئەگەر تىبەتنىڭ پارتكوم باش سېكرىتارى ياڭ چۈئەنتاڭ ئاغرىپ قېلىپ، مەسىلە چىقمىغان بولسا، جاڭ چىڭلى بۇ ئورۇنغا قويۇلمايتتى. جاڭ چىڭلى ئەسلى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئارقا سەپ ئورۇنباسارى ئىدى. ئۇ ، ۋاڭ لېچۈئەن مەركەزگە يۆتكەلسىلا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قولغا ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان. شۇڭا جاڭ چىڭلىنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى بۇرۇنلا مۆلچەرلەنگەن".
ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا تەجرىبىلىك
گاڭ شىننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي مۇستەقىلچىلەرنى باستۇرۇش تەجرىبىسى بار جاڭ چىڭلىنى تىبەتكە يۆتكىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
"خىتاي كومپارتىيىسى تىبەتنىڭ جۇغراپىيىلىك، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيىدىكى مۇھىم ئورنىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، خالىغان بىر مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنى تىبەتكە يۆتكەشتە خاتىرجەم بولالمىغان. ئۇلار، چوقۇم مەركەزنىڭ قاتتىق ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە باشقۇرۇش قابىلىيىتى، سىياسىي باشقۇرۇش تەجرىبىسى مول بىر كىشىگە مۇھتاج. ھالبۇكى، جاڭ چىڭلى ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىلچىلەرنى باستۇرۇشتا چېنىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يېرىم ھەربىي خاراكتېرگە ئىگە بىڭتۈئەنگە قوماندانلىق قىلغان. شۇڭا خۇ جىنتاۋ ئۇنى تىبەتكە قويۇشنى توغرا تاپقان."
تىبەتكە بولغان كونتروللۇق كۈچىيىشى مۇمكىن
بىر قىسىم تىبەت پائالىيەتچىلىرى بولسا جاڭ چىڭلىنىڭ تىبەتكە يۆتكىلىشىگە ئەندىشە بىلەن قارىماقتا. خوڭكوڭدىكى نەنخۇئا سەھەر گېزىتىنىڭ، مەركىزى لوندوندىكى تىبەت ئۇچۇر تورىنىڭ مەسئۇلى دودەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خۇ جىنتاۋ جاڭ چىڭلىنى تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇۋەپپەق باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەش ئارقىلىق تىبەتكە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىش ئەمەس، بەلكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ تىبەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇشى ناتايىن. ئەمما ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىراز ئەمەلىي ئىش كۆرىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئۇ تىبەت خەلقىگە كۆپرەك ھوقۇق بېرىش، ئۆز ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىسا، شۇ يولنى تۇتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)