بالىلارغا جىنسىيەت، ئەخلاق تەربىيىلىرىنى قاچان، قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

0:00 / 0:00

ئىنسانلارنىڭ فېزىئولوگىك جەھەتتىكى يېتىلىشىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېز بولۇشىغا ئەگىشىپ، يېتىلىش مەزگىلىدىكى قىزلارنىڭ بويىغا يەتمەي تۇرۇپ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشى ھەمدە ئانا بولۇشىغا ئوخشاش مەسىلىلەر نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك بىر ئېغىر مەسىلە. ھەتتا دىنىي ھەم مىللىي ئەخلاق ئۆلچىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ مەزكۇر مەسىلىدىن مۇستەسنا ئەمەس. خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئېغىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىغا، بالىلارغا بولغان جىنسىيەت ھەمدە ئەخلاق تەربىيىلىرىنىڭ كېچىكىپ قېلىۋاتقانلىقىنىڭمۇ سەۋەبنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئاتا ئانىلار كۈتمىگەن مەۋجۇت مەسىلىلەر

ھەر قانداق بىر بالىدا دۇنيا ۋە ئۆزى ئۈچۈن سوئاللار تۇغۇلغاندا ئانىسىدىن "مەن قەيەردىن تۇغۇلغان ئانا" دەپ سورايدۇ؟ ئەمما بالىلارنىڭ بۇ ئەڭ تەبىي ھەم ئەڭ ئىپتىدائىي سوئالى دائىملىق جاۋابسىز ياكى ئاددىيلا يوسۇندا "چوڭ بولغاندا بىلىسەن" دېگەندەك مۇجىمەل سۆزلەر بىلەنلا جاۋابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئېيتىدۇكى مانا بۇ بالىلارنىڭ جىنسىيەت ئۇقۇمىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىسى ياكى قورقىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلايدۇ ۋە شۇنىڭغا تىرىشىدۇ ئەمما ھازىرقى بالىلارنىڭ سىزنىڭ پىلانىڭىزدا يوق ھەم پىلاندىن بالدۇر ئىشلارنى قىلىپ قويىشىنىمۇ ئويلامسىز؟ نۆۋەتتە بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشى، بويىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ئېغىر ئاياغ بولىشى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاتا ئانىلار كۈتمىگەن مەسىلىلەر يۈز بەرمەكتە. بۇنىڭدىن جىنسىيەت ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكى تۇيۇلماقتا.

ئاتا ئانىلار ئۈچۈن بالا ئالدىدا جىنسىيەت ئاتالغۇلىرىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆز ئىبارىلەرنى ئوچۇق ئاتاشتىنمۇ ئوڭايسىز نومۇسلۇق بىر ئىش بولمىسا كېرەك. ئەمما دەل مۇشۇ نۇمۇس كۈچىدىن بالا ۋاقتىدا چۈشىنىشكە، بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاساسىي جىنسىيەت تەربىيىلىدى بىلىملەردىن مۇستەسنا قالماقتا. ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئىنتايىن چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى ھەم بۇنى قانداق ھەل قىلىشىنى بىلمەي قېلىشى مۇمكىن، ئەڭ چاتاق يېرى سىرلىرىنى ئاتا ئانىسىدىن يوشۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.

ۇلار تېز يېتىلمەكتە، ئەمما ئۇلار يەنىلا بالا

مېدىتسىنا ئىلمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يېتىلىش مەزگىلى يەنى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ ھېسسىياتچان ئەمما روھىي ھەمدە جىسمانىي ۋە جىنسىي ئامىللىرى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن. ھېسسىي داۋالغۇچلارغا ھەمدە روھىي ۋە جىسمانىي زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرىش كۈچىمۇ نىسبەتەن ئاجىز بىر باسقۇچ شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى قىزلارنىڭ يەنى 18 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ئېغىر ئاياغ بولىشى ۋە ياكى تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسىگە بىر ۋە ياكى بىر نەچچە قېتىم ئۇچرىشى ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىگە ئېغىر ھالاكەتلەر ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر.

ئەمما ياش ئۆسمۈرلەر بۇ مەسىلىنى تېخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئۇلار ئېغىر ئاياغ بولغاندا ئاتا ئانىلىرىنىڭ تاپا تەنىلىرىدىن باشقىلارنىڭ يامان قاراشلىرى گەپ سۆزلىرىدىن قورقۇپ ئاساسەن يالغۇز ھەمدە خەتەرلىك قارارلارنى ئالىدۇ. يەنى بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىلىرىنى ئاتا ئانىلىرىغا دېمىگەن ھالدا كىچىك قانۇنسىز دوختۇرخانىلاردا يۇشۇرۇن قىلدۇرىدۇ. ئاياللار كېسەللىكى مۇتەخەسسىسلىرى شۇنداق بىلدۈردىكى نۆۋەتتە دۇنيادا ئەيدىز بىلەن ئەڭ تېز يۇقۇملىنىۋاتقانلار دەل يېتىلىش مەزگىلىدىكى ياش ئۆسمۈرلەر بولۇپ، خەتەرلىك تۇغۇت ئوپېراتسىيىلىرىنى 14، 15 ياشلاردىكى قىزلارنىڭ ئۆلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ- قالغان. شۇنداقلا ياش بويىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچى قىزلار ئېغىر ئاياغ بولغاندا ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق ھوقۇقى ھەمدە قانۇنىي ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي قالغانلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن.

پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان ئورۇن يوق

بويىغا يەتمىگەن قىزلار ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالغاندا ئۇلار ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان يەنى مەسلىھەت بېرىدىغان مەخسۇس ئورگان ھەمدە دوختۇرخانىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېچىلغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ھەر بىر شەھەردە مۇشۇنداق ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىن سۈرۈشتە قىلغان بولساقمۇ ئەمما نەتىجىدە بۇنداق بىر ئورۇننىڭ تېخى قۇرۇلمىغانلىقى ئېنىقلاندى.

بىراق ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مەسىلە ئوخشاشلا مەۋجۇت شۇنداقلا ئېغىرلىماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەسلىھەتلىرى

ئامېرىكىدىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىر ئاياغ بولۇش مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەمدە مەخسۇس جىسمانىي ھەمدە پىسخولۇگىك داۋالاش تەتقىقات ئورۇنلىرىمۇ بار. ئۇلار بالىلارغا جىنسىي تەربىيىنى قانداق ئېلىپ بېرىش، قاچان ئېلىپ بېرىش، ئۇلارغا بالدۇر ئېغىر ئاياغ بولۇش ھەمدە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە ياش ئۆسمۈرلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا جىنسىي مەلۇمات تەربىيە مەركىزىنىڭ پرېزىدېنتى تامارا كېراينىن خانىم بالىلارنىڭ جىنسىي تەربىيىسىنىڭ قانچە ياشتىن باشلانسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: "بالىلارغا بولغان جىنسىي تەربىيە قانچە بالدۇر باشلانسا قانچە تەبىئىي باشلانسا شۇنچە ياخشى، خۇددى بىز يېشىغا توشماي تۇرۇپلا ئۇلارغا بەدىنىدىكى بۇرۇن كۆزگە ئوخشاش ئەزالىرىنى تونۇشتۇرغاندا ئوخشاشلا بالىلار جىنسىي ئەزالىرىنىمۇ تونۇشتۇرىشىمىز مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار تەبئىي ھالدا مەن نەدىن كەلگەن دېگەن سوئالنى قويىدۇ. بۇ سوئال ئۇلارنىڭ جىنسىيەتكە قىززىقىشىدىكى تۇنجى سوئالى شۇنداقلا بۇ خىل تەربىيىگە ئېلىپ كىرىشتىكى ھەل قىلغۇچ سوئال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەزكۇر سوئالغا ئاتا ئانىلار كۆپ ئويلىنىپ كەتمەي، بالىلارغا پەقەت، ‘چوڭ بولغاندا ئەر ئاياللار مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغاندىن كېيىن ئۇلار ناھايىتى يېقىن بولىدۇ ئاندىن بالا تۇغىدۇ، بالا ئانىنىڭ قۇسىقىدىن چىقىدۇ’ دەپ ئاددى تىلدا ئەمما ئۇلارنى قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئىگە قىلسا بولدى ئۇنىڭدىن كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىتابلار ئارقىلىق ۋە ياكى مەلۇم تەربىيىۋى فىلىملەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش كېرەك ئەلۋەتتە ئاتا ئانىلار ئۈچۈن جىنسىي ئاتالغۇلارنى ئۇچۇق ئاشكارا ئاتاش بەكمۇ راھەتسىز، بۇ تەبىئىي ھەر قاچان راھەتسىز بالىمۇ بەلكىم ئاتا ئانىنىڭ راھەتسىز كەيپىياتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىمۇ جىنسىيەتتىن راھەتسىزلىنىشى ئوڭايسىزلىنىشى مۇمكىن. مېنىڭچە بۇ خىل تەربىيىنى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ھالدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بالىنىڭ جىنسىيەت ھەققىدە سوئال سورىغان ۋاقتى دەل تەربىيە بېرىشنىڭ توغرا پەيتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاتا ئانىلار ئۆزىمۇ ئاساسىي جىنسىيەت، فىزىئولوگىيە بىلىملىرىگە ئىگە بولىشى شەرت ئەلۋەتتە.

بولۇپمۇ ئون نەچچە ياشتىكى يېتىلىۋاتقان قىزلارغا نىسبەتەن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلاردىكى جىسمانىي ئۆزگىرىش روھى ئۆزگىرىشلەرگە ئاتا ئانا بولغۇچى توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى قەدىرلەشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەققىدە بېسىم ئەمەس سىلىق ت6ئەربىيە ئېلىپ بېرىش ھەمدە ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇققاندا ئاتا ئانىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەك ھەم شۇنداق مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر چۈنكى بۇ بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەت ئۇچراۋاتقان مەسىلە بولماستىن پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان پۈتۈن ئەۋلادلار دۇچ كېلىۋاتقان جىددى مەسىلە"، دېدى.

نۆۋەتتە خىتايدا يەنى خىتاي مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بالىلارغا بولغان جىنسىي تەربىيە ئىنتايىن كېچىككەن ھالدا ھەمدە تولىمۇ يۈزەكى ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەسلەپكى جىنسىيەت بىلەن تونۇشۇشى يەنى ئوتتۇرا مەكتەپ گىگېنا كىتابىنىڭ بىر ئىككى بەتلىك دەرسلىكىدە سۆزلىنىدۇ. ھەتتا بەزى مەكتەپلەردە دەرسلىك كىتابىنىڭ مەزكۇر پاراگرافى پەقەتلا سۆزلەنمەيدۇ.

تامارا خانىم، بالىلارغا بولغان جىنسىي تەربىيە بولۇپمۇ قىزلارغا قارىتا ئۆزلىرىدىكى جىنسىيەت تەرەققىياتىنىڭ پات ئارىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى يەتتە سەككىز ياشلاردىلا بېرىشنىڭ مۇھىملىقى بۇنىڭدىن بەك كېچىككەندە ئۈنۈمىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : " يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولىشى ھەم ئېغىر ئاياغ بولىشى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ رېئالنى ھەم ھەل قىلىش قىيىن بولغان ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىشىكە ئەرزىيدىغان مەسىلە بالىلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچنىمە بىلمىگەنلىكى ياكى خاتا بىلگەنلىكى سەۋەبلىك بۇ مەسىلە چوڭلىماقتا. شۇڭا بالىلارنىڭ جىسمانىي، جىنسىي ساقلىقىنى، بىخەتەرلىكىنى ئويلىغاندا ئۇلارغا تەربىيە قانچە بالدۇر باشلىغان شۇنچە زۆرۈر"دېدى.

ئۇلار بۇ مەزگىلدە تەنقىد ئەمەس ياردەمگە مۇھتاج

ئامېرىكىدا ئېغىر ئاياغ ئاياللارنىڭ ھەر ئۈچىنىڭ بىرى ئون نەچچە ياشلىق قىزلاردۇر. دېمەك بۇ مەسىلە ئامېركىدىمۇ ئىنتايىن كەسكىن بىر مەسىلە، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر بىر مەھەللىلەردىمۇ مۇشۇنداق بويىغا يەتمىگەن قىزلارغا ياردەم ھەمدە مەسلىھەت بېرىدىغان ئورۇنلار قۇرۇلغان. نېۋ يورك شەھىرىدىكى ئون نەچچە ياشلىق ئېغىر ئاياغ قىزلارغا ياردەم مەركىزىدىن لېسلى روتېنبېرگ خانىم مۇنداق دەيدۇ:

"بۈگۈنكى جەمئىيەتتە بالدۇر ئېغىر ئاياغ بولۇش ئون نەچچە ياشلىق قىزلار ئۈچۈنلا ئېغىر مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئاتا ئانىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ قاتتىق مەسىلە. ئاتا ئانىلار رېئاللىققا يۈزلىنىشى كېرەك، چۈنكى مەيلى تېلېۋىزور، كوچىلاردا ھەر قانداق جايدا بالىلار مۇھەببەت كۆرۈنىشلىرى ۋە ياكى جىنسىيەت كۆرۈنىشلىرى بىلەن ئۇچراشماقتا، بۇ چاغدا ئۇلار نېمىلەرنى ئويلايدۇ، نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ بۇنى بىلمەك تەس ئەمما بىز ئۇلار بۇنى خاتا چۈشىنىش ياكى دوراشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئالالىساق بەلكىم بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمىساقمۇ بالىلارغا يەنىمۇ چوڭ بەختسىزلىك ۋە پاجىئەلەرنىڭ كېلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇپ قالالايمىز".

لېسلىي خانىم ئاتا ئانىلار ئون نەچچە ياشلىق بالىسىنىڭ ئېغىر ئاياغلىقىنى بىلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تەنقىدنى ئەمەس كۆيۈنۈشنى ئالدىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش باشقا ۋاقىتتىنمۇ كۈچلۈك بولۇش كېرەك، بۇ ياشتىكى بالىلار ئۆزىدە مەلۇم خاراكتېر يېتىشتۈرگەن بولغاچقا، باشقۇرۇشقا بوي سۇنمايدۇ، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك بولىدۇ ئەمما ئۇلار داۋاملىق يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ تېخى ئۆز ئالدىغا بىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ياكى قارار ئېلىشى يېتىلمىگەن يەنىلا ياردەمگە مۇھتاج، ئېغىر ئاياغ ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىگە ئۇچرىغان ۋاقتىڭىزدا ئاچىقلانماي، سوتلىماي، تەنقىد قىلماي، ئازار بەرمەي بالىلارغا ياردەم قىلىشىمىز زۆرۈر. ئۇلار ياردەمگە مۇھتاج بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن، قورقۇپ كەتكەن، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان مەزگىلى. گەرچە ئاتا ئانىلار كۈتمىگەن مەسىلە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، تەنقىدنى ئەمەس كۆيۈنۈشنى ئالدىغا قويۇپ، مەسىلە يۈز بېرىپ بولغاندا بىز پەقەت ئۇنى ياخشىلاشقا ھەركەت قىلىشىمىز كېرەك. باشقىچە تاللاش پەقەتلا بالىلارنى تېخىمۇ خەتەرلىك ياكى قىيىن بىر ھالەتكە ئىتتىرىدۇ خالاس".