0:00 / 0:00
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى جۇرنالىست ئىبراھىم ۋاسىلىي ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئىدى.
ئىبراھىم ۋاسىلىي مۇرەككەپ سىياسىي بېسىملار ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ "تۈركىستان ئاۋازى" ژۇرنىلىنىڭ چىقارغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئەرەب دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن. بىراق، ئۇنىڭ ھاياتى غۇربەتچىلىك ۋە مۇساپىرلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان توختىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلاڭ.