ئستانبۇلدا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2007.11.13

12 - نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان كۈن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يۈتىۋېلىش خام - خىيالى بىت - چىت بولغان بىر كۈن، قەھرىمان ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋار روھى، تىز پۈكمەس ئىرادىسى ئۆزىنى نامايەن قىلغان، ھەققانىي داۋانىڭ مۇستەھكەم ئاساسىي يارىتىلغان بىر كۈن.
ئۇلۇغ ئالىم ۋە ئىنقىلابچى رەھبەر سابىت داموللام 1933 - يىلى، رەھمەتلىك مارشال مۇتەپەككۇر سىياسىيون ئەلىخان تۆرەم 1944 - يىلى دەل مۇشۇ 12 - نويابىر كۈنى تارىختا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ دۇنياغا جاكارلىغان تارىخىي بىر كۈن. مانا بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، 12 - نويابىر كەچ سائەت 19:00 دا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ جەمئىيەت مەركىزىدە يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىن باشلىنىشىتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىم خەتىمە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىندى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ھەققانىي ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرىلىشى" تېمىسىدا، مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخي ئەھمىيىتى" تېمىسىدا، جەمئىيەتنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم " خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىنقىلاپتىكى رولى" تېمىسىدا، باش كاتىپ ھەققانىي "سابىت داموللام ۋە مەمتىمىن ھەزرىتىمنىڭ ئىش - ئىزلىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. دېڭىزفەنەرى جەمئىيىتىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىلى ئابدۇل قاراداغ ئەپەندىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ۋەتەنسۆيەر ئەھمەتجان ئۆزىنىڭ بىر قانچە پارچە يېقىملىق ئىجادىيەت ناخشىسىنى ئوقۇپ يىغىن كەيپىياتىنى جانلاندۇردى. ئاخىرىدا، كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن يىغىن تەنتەنىلىك ئاخىرلاشتى. (ئارسىلان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى توغرىسىدا ئەسلىمە
- تۈرك مەتبۇئاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى-ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە
- شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇۋەلىجان ۋاپات بولدى
- شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ 'ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورگان' بولغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ باھاسى (2)
- شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ 'ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورگان' بولغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ باھاسى (1)
- رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت --- يېڭى ئىرا گېزىتىدىكى ماقالە ھەققىدە
- چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (1)
- كالىفورنىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- خەلقئارانىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىپ روزا ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى