جۇمھۇرىيەتچىلەر پروگراممىسى خىتايغا ئائىت نەزىرىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى


2004.08.30

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى -30ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى نيو-يورك شەھىرىدە ئېچىلغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان پارتىيە پروگرامما تىزىسى قۇرۇلتايدا يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانماقچى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان پروگرامما تىزىسىنىڭ مەزمۇنلىرىدا، خىتاينى ئەيىپلەيدىغان ۋە خىتايغا ئانچە دوستانە بولمىغان سۆز ئىبارىلەرمۇ بار بولۇپ، پروگرامما تىزىسىدا يەنە، " ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئاساسلىق رىقابەتچىسى- خىتاي. خىتاي بىر ئەركىن جەمئىيەت ئەمەس، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە سىياسىي كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنلەرنى باستۇردى ۋە چەتئەلدە بولسا خوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي يەنە دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇشتىن سىرت، كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنى كېڭەيتىۋاتىدۇ" دەپ يېزىلغان.

شۇنداقلا ئۇنىڭدا، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنى تىلغا ئېلىنماي، ئامېرىكىنىڭ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى كۆز قارىشىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، لېكىن بۇ دىگەنلىك " بىر جۇڭگو" پىرىنسىپى ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش دىگەنلىك بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا خېمىلتون ئىنىستىتوتىنىڭ ھۆكۈمەتشۇناسلىق كەسپىدىكى پروفىسسورى لى چېڭ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پروگرامما تىزىسىدا يوقىرىقىدەك خىتايغا ئانچە دوستانە بولمىغان مەزمۇنلاردىن سىرت، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇننىڭ " خىتاي ئامېرىكىنىڭ ستراتىگىيەلىك ھەمكاردىشى ئەمەس بەلكى سىتراتىگىيەلىك رىقابەتچىسى" دىگەن كۆز قاراش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەزكۈر تىزىستا يەنە، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىدىكى ئورنى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، " ياپونىيە، ئامېرىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەمكاردىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا-ياپونىيە بىرلىگى- ئاسىيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى" دەپ يېزىلغان.

ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكىدىكى پارتىيىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، جورج w بۇش تەختكە چىققاندىن كېيىن، كلىنتون يۈرگۈزگەن " ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى" نى ئۆزگەرتىپ " ستراتىگىيەلىك رىقابەتچى مۇناسىۋىتى" نى يولغا قويغان ئىدى. تەيۋەن دۆلەتلىك سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى لىن جېڭيى، گەرچە بۇش 4 يىل ئاۋال خىتاينى " ستراتىگىيەلىك رىقابەتچى" دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان بىر قەدەر سەمىمىي ۋە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنۇتۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

لى جېڭيى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ستراتىگىيىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ئىككى دۆلەت چوقۇم ستراتىگىيىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىتاي ۋە ئامېرىكا، پۈتۈن شەرقىي ئاسىياغا ھەتتا دۇنياغا چېتىلىدىغان مەسىلە. شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چوقۇم ستراتىگىيىلىك مۇناسىۋەت بولىشى كېرەك. لېكىن بۇ مۇناسىۋەت ئاستىدا بەزىدە رىقابەت بولىدۇ، بەزىدە ئىختىلاپ كۆرىلىدۇ. ئەمما ئىختىلاپ قوراللىق توقۇنۇشقا يېتىپ بارمايدۇ، چۈنكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەم رىقابەتچى ھەم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ."

خېمىلتون ئىنىستىتوتىنىڭ پروفىسسورى لى چېڭ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى چوڭ گوروھ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پارتىيە پروگراممىسىنىڭ ئادەتتە، ھوقۇقتىكى پارتىيىنىڭ قارشى پارتىيە بىلەن رىقابەتلىشىشتىكى بىر تەشۋىقات قورالى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پروگراممىسىنىڭ 3 خىل مەزمۇننى ئاساس قىلىپ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى يىغىنچاقلىدى. بىرىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە كارخانا گوروھى خىتاينىڭ بازىرىغا ئېھتىياجلىق. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئەزەلدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قوللاپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىي سانائەتتىكى ئېھتىياج سەۋەپلىك " خىتاي تەھدىتى نەزىرىيىسى" مەيدانغا چىقتى. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى كونسېرۋاتىپ دىنىي كۈچلەر ئەزەلدىن، خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشلىرىغا ئىنتايىن نارازى. شۇڭا پارتىيە پروگراممىسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونسېرۋاتىپ ئىدىيىسى كىرگۈزۈلگەن. گەرچە پارتىيە پروگراممىسى ئادەتتە، ھوقۇقتىكى پارتىيىنىڭ تەشۋىقات قورالى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى يادرولۇق ئەربابلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 4 كۈن داۋام قىلىپ -2 سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىدا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى نيو-يوركتا بۇش ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى ئەيىپلەپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.