ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى داۋام ئېتىۋاتقان مەزگىلدە، مۇئاۋىن پرېزدېنت دىك چېينى(Dick Cheney ) چارشەنبە كۈنى يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كۆرسەتكەن مۇئاۋىن پرېزدېنت كاندىداتى نامزاتلىقىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكالىدى.
قۇرۇلتايدا بىر سائەتچە نۇتۇق سۆزلىگەن مۇئاۋىن پرېزدېنت دىك چېينى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا قىلغان ئۇرۇشىنى ئاقلاش بىلەن بىرگە دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت نامزاتى جون كەررىيگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يىنىكلىتىش ئىدىيىسىنى مەسخىرە قىلدى.
دىك چېينى سۆزىدە يەنە، گەرچە جون كەررىينىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشىدىكى تۆھپىلىرىنى مەدھىيلەپ ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل قايمۇقۇپ يۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جورج W بۇشنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە، پرېزدېنت بولۇشقا لايىق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيدا نۇتۇق سۆزلىگەن دىك چېينى يەنە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بۇيان، پرېزدېنت بۇشنىڭ خىزمەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ماھارىتىگە ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇشنىڭ قايتا پرېزدېنتلىققا سايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ سۆزى، جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، يىغىندىكىلەر جورج W بۇشقا " يەنە 4 يىل" دەپ توۋلاشتى.
گەرچە دىك چېينىنى قوللاش نىسبىتى مەزكۈر يىغىن سەۋەبىدىن ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەر تورى ۋە "بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى" نىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرىشىدىن مەلۈم بولىشىچە، نۆۋەتتە دىك چېينىنى قوللاش نىسىبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ مېڭىپ، ئەللىك پېرسەنتتىنمۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ قالغان.
بۇ قېتىملىق يىغىندا، دىك چېينى باشچىلىغىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى رەھبەرلىرى ئىراق ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ھەققىدە كۆپ سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىساد، سەھىيە-ساغلاملىق ۋە ئىشسىزلىق قاتارلىق دۆلەت ئىچى مەسلىلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، نيو-يورك شەھىرىدە بۇش ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار ئۈزۈلمىدى. چارشەنبە كۈنىمۇ نەچچە مىڭلىغان كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇشنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئامېرىكىدا ئېغىر ئىشسىزلىق ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىپلىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە تۆت كۈن داۋام قىلىدۇ. پەيشەنبە كۈنى كەچتىكى يىغىندا پرېزدېنت جورج W بۇش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس نۇتۇق بايان قىلماقچى. (پەرىدە)