0:00 / 0:00
4- دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، تارىخچى ۋە پائالىيەتچى سابىت ئابدۇراخماننىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا 1944 – يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پېشقەدەملەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ۋەكىللەر قاتناشتى. يىغىندا 12 – نويابىر كۈنى ئامېرىكىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئالدۇللادىن ئاڭلاڭ.