0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك ئوچاقلىرى يىغىن زالىدا يىغىن ئۆتكۈزدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىنغا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فاتىخ كىرىشچى ئوغلى رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.