دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى


2007-11-12
Share

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 11 ‏- نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ Fair Fax شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى. پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاخىرلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇيىچە ئۇيغۇر تارىخچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تەبرىك سۆزىنى جامائەتكە يەتكۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت